ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن، 1-ۋە 2-ئىيۇن كۈنلىرى، خىتاي دائىرىلىرى 11 گۇماندار ئۇيغۇر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ۋە يەنە «تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىش ئۇقتۇرۇشى»، «تىغلىق ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى...يىغىپ باشقۇرۇش» ئۇقتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، رايوندىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ جىددىي داۋام قىلماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە بويسۇنغان ھالدا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى خىتاي ئاخباراتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزغان تېررورچى زوراۋانلارنى قانۇننى قورال قىلىپ تۇرۇپ قىلچىمۇ رەھىم قىلماستىن قاتتىق جازالاش كېرەك» دەپ جاكارلىدى. بۇ ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ گۇناھسىز تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىتا ئەندىشىسىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارىتا تەنقىدىنى كۈچەيتمەكتە. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ :
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي قانۇن تورى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ھەم تەشۋىقاتلىرىدا، دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىندى، خەتكە «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئاساسى» دەپ تېما قويۇلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قانۇن ئەدلىيە خادىملىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنىڭ قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئوچۇق خېتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە 23-ئاپرېل سېرىقبۇيا، 26-ئىيۇن لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ۋەقەلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تېررورلۇق، ج زوراۋانلىق ۋەقەلىرى دەپ كۆرسىتىلگەن، ھەمدە «بىزنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەر، تېررورچى زوراۋانلار بىلەن بولغان كۈرىشىمىز دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى بىر جەڭ، بۇلارغا زەربە بېرىشتە قىلچىمۇ تەۋرەنمەي قانۇننى قورال قىلىپ تۇرۇپ، قىلچىمۇ رەھىم قىلماستىن تەلتۆكۈس زەربە بېرىشىمىز، قاتتىق جازالىشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەر قانداق بىر نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۈچ خىل كۈچلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ خۇلاسە چىقىرىپ كەلگىنىگە ئوخشاش، يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق، ھۇجۇمچىلارنى بولسا تېررورچى دەپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا مەيلى بايان ۋە مەيلى ھەرىكىتىدە بولسۇن، بۇ ۋەقەلەر سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلارغا ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىي ھەمدە قاتتىق جازا كۆرىدىغانلىقىدەك قاتتىق پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلاپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى نامىدىن ئېلان قىلغان بۇ ئوچۇق خېتىدىمۇ شۇ خىل قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىش ئىرادىسىنى قايتا ئەسكەرتىپ «تېررورچىلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلغىنىمىز، خەلققە خىيانەت قىلغىنىمىز، تېررورچىلارغا قەتئىي رەھىم قىلماسلىق كېرەك، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن مۇقىملىق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈشىمىز ھايات-ماماتلىق كۈرەش، دۆلەت مەنپەئەتى، پارتىيىنىڭ سىياسىي ئورنى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى تىكلەش ۋە قوغداش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، جۇڭگو چۈشى، شىنجاڭ چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان جىددىي سىياسىي كۈرەش، ھەر قايسى قانۇن ئەدلىيە كادىر ۋە خىزمەتچىلىرى ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ تېررورلۇققا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن قارشى تۇرۇشىمىز، بارلىق پايدىلانغىلى بولىدىغان مۇنبەرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسى، لۈكچۈن ۋەقەسى، خانئېرىق ۋەقەسى، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتقۇن قىلىشى تېخى توختىمىدى، بۇ جەرياندا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي جەريانلىرىنى يۇشۇرغاندىن باشقا، ئۆلگەن ھەم تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىمۇ مەخپىي تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر ياقتىن ۋەقەلەرگە قارىتا سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىپ بولغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى،ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى لۈكچۈن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، تۈركىيەدىكى ئى خا خا ئىنسانى ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئىسلام ئەللىرىنى توپلىنىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر تۈركىيەنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز ئۇيغۇر ئېلىنى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى دەپ قارايمىز، شۇڭا رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى بىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ خىتاينى ئاگاھلاندۇردى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى باش ئەلچى ماركۇس ئەدېرەر، رايوندا ئېتنىك جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش زۆرۈر دەپ كۆرسىتىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تولۇق ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى بۇلارغا «قاتتىق باستۇرۇش»نى تەكىتلەش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرماقتا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
«پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن قانۇن دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئوخشاش توندا ئىپادە قىلدۇرۇشى، ئاتالمىش قانۇن دائىرىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت خىتاينىڭ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى زوراۋان سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى قايتا ئىسپاتلايدۇ» دەپ تونۇغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن چىقىرىۋاتقان ھەر قانداق يەكۈن ۋە سوت نەتىجىسىنىڭ قانۇنسىز بىر سىياسىي بوھتان ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پىداكارلىق ھەرىكەتلىرىنى ھېچقاچان تېررورلۇق بىلەن باغلاپ باقمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قارىلاش ۋە سىياسىي ھۇجۇملىرى پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەقسىز سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىش، ئۆلۈم ۋە باشقا ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىشىغا قارىتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئىزچىل تەنقىد ياغدۇرۇپ كەلمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارا جامائەتنى بۇ 11 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى، خىتاينىڭ داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۆمتۈرۈك ئەپەندىنى بۇنىڭغا قارىتا قايتا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، سېيت تۆمتۈرك ئەپەندى، ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇق ھەرىكىتى بار دېيىلسە، ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئەگەر تېررورچى بار دېيىلسە، ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى» دېدى.