تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرگە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىلىشىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كېيىنكى ئايلاردا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش تۈپەيلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دەرھال خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ يەكەندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈگۈمىگىچە خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتنى توختىتىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ بېسىم سىياسىتىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى خەلقئارا سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈرك خەلقىنى ئالدىمىسۇن، خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىدە زىيان تارتىۋاتىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى خىتايغا ئەمەس، ئەسلىدە خىتاي بىزگە موھتاج، چۈنكى بىز خىتايغا ساتقان مالدىن خىتاي بىزگە ساتقان مال كۆپ.»

30-دېكابىر كۈنى، سەھەر شۇ يەر ۋاقتى 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 8 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن بۇنىڭغا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەردى. تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئەنقەرەگە كېلىپ تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىدىكى رەھبەرلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى ئالدىدا مىكروفونىمىزنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتۇق.