ئەنقەرەدە ئېچىلغان «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئاخىرلاشتى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياش مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلارنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئاچتى. 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئەنقەرەدىكى ئىنستىتۇتنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسقا گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 20 ئۇيغۇر ياش ئىشتىراك قىلدى. بۇلار 20-35 ياشلاردىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياكى دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ياشلار ئارىسىدىن تاللانغان.

بىر ھەپتە داۋاملاشقان كۇرستا دەرسلەرنىڭ كۆپىنى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆتتى. ئۇنىڭدىن سىرت كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم «مىللەت ۋە مىللەتچىلىك» تېمىسىدا، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور قونۇر ئالىپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا، ژۇرنالىست ئادىلجان ئەرۇيغۇر ئەپەندى بولسا «بىز كىم؟ ئۇيغۇرمۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى تونۇمدۇق؟ ئۆزىمىزنى قانداق بايان قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن تېمىلاردا دەرس بەردى. بۇلاردىن باشقا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى «سكايپ» ئارقىلىق «قانۇن ۋە خەلقئارا قانۇن» تېمىسىدا، ئىقتىسادشۇناس مۇھەممەتجان بۇغرا «ئىقتىساد ۋە سودا: يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ كۈچى» تېمىسىدا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ياش نىجات تۇرغۇن ئەپەندى «مىللىي مەپكۇرە ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قاراش» تېمىسىدا دەرس بەردى.

«سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» نىڭ ئاساسىي دەرس بەرگۈچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بولۇپ، ئۇ، «دۆلەت ۋە سىياسەت: خەلقلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت: غەربتىن كەلگەن ھاكىمىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر، تارىخ ۋە ئىستراتېگىيە، ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر، خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆزگىرىشلەر» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا دەرس بەردى.

بىر ھەپتە داۋاملاشقان كۇرس قانداق ئۆتتى؟ ئىنستىتۇت كۈتكەن مەقسىتىگە يەتتىمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتنى خىتاي ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ، پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان ياش پائالىيەتچىلەرنى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا كۇرسنىڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» غا گېرمانىيەدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شەھرىزات غەيرەت خانىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، كۇرسنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا بىلمەيدىغان كۆپ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، بۇ كۇرستا ئۇلارنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» غا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان ئەنۋەر سەمەت ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، كۇرسنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى سىياسىي ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، باشقا ياشلارنىڭمۇ قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندى سىياسەت، ئىستراتېگىيە، تارىخ، ئىقتىساد ۋە قانۇن قاتارلىق پەنلەرنىڭ چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى، كۇرستا بۇ دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغانلىقىنى، كۆپ يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئاچقان تۇنجى قېتىملىق كۇرس بولۇپ، بۇندىن كېيىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇنداقتا قانداق ئوقۇغۇچىلار بۇ كۇرسقا ئىلتىماس قىلالايدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، مىللىي روھقا ئىگە، ئىنگلىز تىلىنى بىلىدىغان 20 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.