كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

12-فېۋرال شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى «شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى» ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 13-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىنى «خاتا ئۇچۇر تارقىتىش» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانىدى. ئارقىدىنلا، خىتاينىڭ شىۋېتسارىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ دوكلاتى ھەققىدە: «شىۋېتسارىيە كىشىلىك ھوقۇق ئوقۇتقۇچىسى روھىي ھالىتىدىن ۋاز كېچىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كوزىر قىلىپ خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزمەسلىكى، خىتاينى پارچىلايدىغان كۈچلەرگە ئەگەشمەسلىكى، خاتا ئۇچۇر تارقىتىشنى توختىتىشى كېرەك. بۇ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىش»، دەپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشىنى ئاقلاشقا، ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» شىۋېتسارىيە مەسئۇلى ئاننا لەيسېڭنى زىيارەت قىلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتى ھەققىدىكى پىكرىنى سورىدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى مەسئۇلى ئاننا لەيسېڭ. 2024-يىلى 18-سېنتەبىر
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى مەسئۇلى ئاننا لەيسېڭ. 2024-يىلى 18-سېنتەبىر (RFA/Hebibulla Izchi)

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى فېۋرالدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاكىتلارنى رەت قىلىشى ۋە ئۇلارنى يالغان ئۇچۇر دەپ تەسۋىرلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بىز بۇنىڭغا ھەيران قالمىدۇق. شۇڭا تەشكىلاتىمىز فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ قارشى مەيدانىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەككى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك شىۋېتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. شىۋېتسارىيە چوقۇم خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى كېرەك، مەسىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كېڭەيتىش سۆھبىتىدە» .

شىۋېتسارىيەنىڭ بۇ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىپ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىشىدىكى سەۋەب، 2018-يىلى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە دوكلات سۇنۇپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ۋە تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان، بۇنىڭغا ئاساسەن فېدېراتسىيە ئالىي كېڭىشى دىپلوماتىيە كومىتېتى، فېدېراتىپ كېڭەشتىن شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات سۇنۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ خىتاينىڭ بۇ دوكلات ھەققىدىكى باياناتىنى «ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنۇش» دەپ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئورتاقلاشتى.

شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋاناي ئىلھام. 2024-يىلى 18-سېنتەبىر، بېرن
شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋاناي ئىلھام. 2024-يىلى 18-سېنتەبىر، بېرن (RFA/Hebibulla Izchi)

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھاممۇ بۇ ھەقتە: «بىر مىللەتكە قارىتىلغان قىرغىنچىلىق ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەك» دەپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىۋېتسارىيە دۆلەت رادىيو تېلېۋىزىيەسى ۋە باشقا ئاخباراتلار كەڭ دەرىجىدە ئوبزورلار ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ دوكلاتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن بېرىپ، خىتاينىڭ شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى كۆزىتىش، ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىماقتىكەن.