شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە غەربكە قارشى تۇرۇشتا خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىدىن كەڭ تۈردە پايدىلانماقتىكەن.
شىۋىتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» 28-ئىيۇل «شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ زور بايلىقى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە غەربكە قارشى تۇرۇشتا خىتاي خەلقىنىڭ ھەم كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنى قورال قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ئىدېئولوگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ 2018-يىلى خىتاي قانۇنىدىكى دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە قويۇلغان چەكلىمىنى ئوڭۇشلۇق بىكار قىلىپ، مەڭگۈلۈك رەئىس بولۇش پۇرسىتىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ھەم كوممۇنىستىك پارتىيە ئىچىدە ھەم خىتاي خەلقى ئارىسىدا قوللاشقا ئېرىشەلىشىدىكى ئاساسلىق دەسمىسى «قىپقىزىل مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسى» گە ئىگە بولغانلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ 2013-يىلى «خىتاي چۈشى» شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك قەد كۆتۈرۈشى» نى تەشەببۇس قىلىشى، «2050-يىلىغا بارغاندا خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك زامانىۋى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش» چاقىرىقى خىتاي خەلقىنى مەستانە قىلغان. خىتاي مەزكۇر ماقالىدا پەقەت خىتايلارلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان «مىللىي دۆلەت» دەپ ئاتالغان.
شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن باشلاپلا مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىدىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىش يولىنى تۇتقان. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە، گېزىت، ئىنتېرنېت قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر كۈنى «خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن غەربنىڭ زەئىپلىشىشكە باشلىغانلىقى، غەربنىڭ تۇتۇۋاتقان يولىنىڭ خاتالىقى، غەربتە توختىماستىن ئۇرۇش-جېدەل، تېررورلۇق، كۆچمەنلەر كرىزىسى، ئاپەتلەر يۈز بېرىدىغانلىقى، ئەكسىچە خىتاينىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرىلىقى، خىتاينىڭ تىنچلىقى، خىتاينىڭ توختىماستىن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى، قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقى» كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئىدىيەسىدە «غەرب ئەللىرى ئەسكى، خىتاي ياخشى» دەيدىغان تەسىراتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تەسىرات ھەتتا خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت، غەرب بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىگە قەدەر كېڭەيگەن. خىتايلار چەتئەللىكلەر بىلەن بولغان ھەرقانداق مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدىغان كېبىرغا ئېرىشكەن. خۇددى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەندەك، خىتايدا بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، بۇنىڭ ئوت پىلتىسىنى ئىككىلەنمەي غەربلىكلەرگە ئارتىپ قويۇش ئۆزگەرمەيدىغان ئادەتكە ئايلانغان.
ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، شى جىنپىڭ قوزغىغان ۋە قورال قىلغان بۇ مىللەتچىلىك باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى، ئىنسانىي ھەققىنى تونۇمايدىكەن. خىتاي خەلقىمۇ ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى بىلىدىكەن. ماقالىدا مۇنداق دەيدۇ: «مىللەتچىلىكنىڭ يادروسىدىكى بۇزغۇنچىلىق خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىدە ئاللىقاچان ئۆزىنى نامايان قىلدى. خەلقنى، بولۇپمۇ باشقا مىللەت ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ياكى تىزگىنلەشتە ئۇلارغا قوللانغان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار بۇنى كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى».
شى جىنپىڭنىڭ مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئەينى زاماندىكى گىتلېرنىڭ فاشىسىزىملىق ئىدېئولوگىيەسىدىن ھېچ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا باش ئەگمىگەن مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھەققىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
بىراق، خىتاي جەمئىيىتىدە چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ مىللەتچىلىك ۋاقتى كەلگەندە شى جىنپىڭغا ئېغىر باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىكەن. ئەشەددىيلەشكەن مىللەتچىلىك بەزىدە ئەرزىمەس بىر ۋەقەنى ئۇلغايتىپ، تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان زور ھادىسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىكەن. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ماقالىدا بىرقانچە ۋەقەلىك تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ بىرى، H&M، Nike قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان شىنجاڭنىڭ پاختىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بۇ شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى، ھەتتا چەتئەل ماللىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك بايقۇت قىلىش دولقۇنى قوزغالغان. يەنە بىرى، خېنەندىكى كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر تارقىتىۋاتقان گېرمانىيەلىك بىر مۇخبىر ئالدىنقى كۈنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان. خىتايلار ئۇنىڭ قول تېلېفونىنى، كامېرالىرىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇنىڭغا «يوقال بۇ يەردىن!»، «جۇڭگونى قارىلاشنى توختات!» دەپ ۋارقىرىغان. يەنە بىرى بولسا، ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ياپونغا قارشى خەلق ھەرىكىتى. خىتاي پۇقرالىرى «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى» نىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونغا قارشى نامايىشلارنى باشلىغاندا ھۆكۈمەت دەسلەپتە قوللىغان. ئەمما ۋەقە زورىيىپ كېتىپ، تىزگىنلەش تەسكە توختىغان.
شى جىنپىڭ نۆۋەتتە خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ جاھانغا خوجا بولۇش ئارزۇلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاندۇرۇپ كەلمەكتىكەن. «تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى دەرھال خىتايغا قوشۇۋېلىش، سەنكاكو ئارىلى مەسىلىسى بىلەن ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىش، ھىمالايا تاغلىرىدىكى ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش، ئامېرىكانى يامانلاش» چۇقانلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ بازار تاپماقتىكەن.