«شاۋقۇن سۈرەن» فىلىمى شىۋېتسارىيەلىكلەرگە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى يورۇتۇپ بەردى

0:00 / 0:00

شىۋېتسارىيەدە 17- ۋە 18-مارت كۈنلىرى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە جەۋھەر ئىلھاملارنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن« شاۋقۇن-سۈرەن »فىلىمىنىڭ قۇيۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش ئىشتابىدا 55-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ماس ھالدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە فىلىم فېستىۋالى» دا «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ فېستىۋالغا نورۋېگىيەدىن يېتىپ كەلگەن ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك پائالىيىتى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ شۇ كۈنكى قويۇلۇش مۇراسىمىغا ھەر ساھەدىكى زاتلار، دىپلوماتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 400 دىن كۆپ ئادەم قاتناشقان.

ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل خانىم فىلىم ئاخىرىدا شىۋېتسارىيەلىكلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 18-مارت، بېرن، شىۋېتسارىيە.
ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل خانىم فىلىم ئاخىرىدا شىۋېتسارىيەلىكلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 18-مارت، بېرن، شىۋېتسارىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

جەنۋەدىكى بىر كۈنلۈك پائالىيەتتىن كېيىن، 18-مارت كۈنى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندە بۇ فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

سېلىنا خانىم: «بۇ فىلىمدا شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتلا ئەمەس، ئۇيغۇر دىياسپوراسى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم، تەھدىت ۋە خىتاينىڭ شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بېسىملىرىمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەن» دېدى.

فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، كۆرۈرمەنلەر ئابدۇۋەلى ئايۇپتىن بەس-بەستە سوئاللار سوراشتى. ئەڭ كۆپ چۈشكەن سوئال ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسى تەرىپىدىن يالغۇز قالدۇرۇلۇشى ۋە شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزگەن بىردىنبىر ياۋروپا دۆلىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بولدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ بەرگەن جاۋابىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى خىرىستوپ ۋىدمېر(ئوتتۇرىدا)، ئەندىلى قاراخانلى(سولدا) ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپلار ئەپەندىلەر پائالىيەتتىن كېيىن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. 2024-يىلى 18-مارت، بېرن، شىۋېتسارىيە.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى خىرىستوپ ۋىدمېر(ئوتتۇرىدا)، ئەندىلى قاراخانلى(سولدا) ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپلار ئەپەندىلەر پائالىيەتتىن كېيىن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. 2024-يىلى 18-مارت، بېرن، شىۋېتسارىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە بېرن ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە شىۋېتسارىيەلىك كىشىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قېتىلغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى، شىۋېتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە يېقىندىن تونۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈرمەنلەردىن بىرى سۆز قىلىپ، « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىقمۇ كۆرۈۋاتىمىز، بۇ فىلىم بىزگە ئۇ يەردىكى رېئاللىقنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بەردى. بۇ دەرىجىدىكى قىرغىنچىلىق ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى، خىتاي غەربنىڭ دېموكراتىيەسىدىن پايدىلىنىپ كەتتى» دېدى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ياۋروپا ۋە شىۋېتسارىيەدىن بىرەر تەدبىر ئېلىنمىغانلىقىنىڭ خىتايغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دىپلوماتى، دۆلەت كاتىبات باشقارمىسىدىن پاسكال خۇباتكا ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 18-مارت، بېرن، شىۋېتسارىيە.
شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دىپلوماتى، دۆلەت كاتىبات باشقارمىسىدىن پاسكال خۇباتكا ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 18-مارت، بېرن، شىۋېتسارىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

بېرننىڭ قەدىمى شەھەر رايونىدىكى بۇ تىياتىر سالونى كۆرۈرمەنلەر بىلەن لىق توشقان بولۇپ، فىلىمدىكى شەخسلەرنىڭ ھايات ھېكايىلىرى پۈتۈن سالوننى سۈكۈناتقا چۆمدۈردى. بۇ پائالىيەتكە بېرن خەلقىدىن باشقا يەنە، شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دىپلوماتى، دۆلەت كاتىبات باشقارمىسىدىن پاسكال خۇباتكا ئەپەندىمۇ قاتناشتى.