شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 26-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى ۋە تەشكىلاتلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە خىتايدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت غايە-مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش تەكىتلەندى.

بۇ يىغىنغا تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا سىياسەت، تەتقىقات، ئاخبارات، مەتبۇئات، تەلىم-تەربىيە ساھەلىرى بويىچە خىزمەت قىلىۋاتقان 45 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بىر يەرگە جەم بولۇپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، دۈشمەندىن (خىتايدىن) قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت غايە-مەقسەت ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش.2023-يىلى 26-دېكابىر، ئىستانبۇل
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش.2023-يىلى 26-دېكابىر، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەقلىق داۋايىمىزنى روياپقا چىقىرىش، خەلقىمىزنى خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر نەپەس بولۇپ ھەرىكەت قىلىشىمىز، بولۇپمۇ خەلقىمىزنى بۇ داۋاغا يېتەكلەۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ، جامائەت ئەربابلىرىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىشى داۋايىمىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» .

دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئاخىرقى يىللاردا خەلقىمىز ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب بولدى. بۇ قىرغىنچىلىقتىن دىندارىمۇ، مىللەتچىسىمۇ، ۋەتەنپەرۋىرىمۇ ھەتتا ئۇزۇن يىللار خىتايغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغانلارمۇ، ھېچ ئىشقا ئارىلاشماي ئوقىتىنى قىلىپ پۇل تاپقان بايلارمۇ ئامان قالمىدى. ھەممىمىز تەقدىرداش، ھەممىمىزنىڭ قىسمىتى بىر. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقىمىز، مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋىدى، دەۋايىمىز بىر پەللە يۇقىرى ئۆرلىدى، دەۋايىمىز خەلقئارالاشتى. بىزلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى كۆپەيدى. بىزلەرگە مۇستەقىللىق يولى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇ دەۋا يولىدا ھەسسە قوشقان ھەممەيلەندىن ئاللاھ رازى بولسۇن» .

دوكتور ئالىمجان بۇغدا يەنە مۇنداق دېدى: «دۈشمىنىمىز بەك قۇۋ، ئىنتايىن پۇرسەتپەرەس. بىزلەرنىڭ بىخۇدلۇقىمىز، ئۆز ئىچىمىزدىكى ئاددىي دە تالاشمۇ دۈشمەن ئۈچۈن بايرام. دۈشمەن بىزلەرنى يوق قىلىش، دەۋايىمىزنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەت پەيدا قىلىش، ئۆزئارا دۈشمەنلىك ئۇرۇقى چېچىش، رەھبەرلەرنى ۋە دەۋا سېپىدىكىلەرنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىدۇ، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالىدۇ. بىزلەرنىڭ ئىنتايىن ھوشيار بولۇشىمىز بەك مۇھىم. خىتاي ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ، دۇنيانى ئالداشقا ۋە بىزلەرنى يالغانچىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ھەتتا بەزى ئادەملىرىنى ئىشقا سېلىپ، باردى-كەلدىلەرنى كۆپەيتىپ، غەيرىتىمىزنى ئاجىزلىتىپ، دەۋايىمىزنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق زامانلاردا دەۋا سېپىدىكىلەر ئۆزئارا زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشى، بىر-بىرىگە مەدەت بېرىشى لازىم» .

دوكتور ئالىمجان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، داۋا سېپىدىكى رەھبەرلەرنىڭ دوستلۇقى ۋە سەمىمىيىتىنى كۈچەيتىش، خەلقىمىز ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ دەۋاغا بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن مەخسۇس بىر كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزىي ھاجىمنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن ئاخىرىدا سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدۇ، چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار بىر-بىرىنى تولۇقلىغان ئاساستا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشى، ئىختىلاپلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ دەۋادىن سوۋۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز» .

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزىي سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 26-دېكابىر، ئىستانبۇل
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزىي سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 26-دېكابىر، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خەلقىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئارىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلايدىغان خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ئىجرا قىلىدۇ. ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت ئىشلىرى گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىكنى ياخشىلاش، كۈچەيتىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» .

يىغىن ئاخىرىدا بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى پىكىر بايان قىلىپ، تەشكىلاتلار ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ تەكلىپنى كۆپىنچە رەھبەرلەر قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.