ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات 2017-يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسى شۇ يىلى 9‏-ئاينىڭ 17‏-كۈنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3‏-قاماقخانىدا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باققان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە سەييارەنىڭ نەدىلىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. بۇ ئەھۋالدىن تېخى يېقىندا خەۋەر تاپقان سەييارەنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى رادىيومىزغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا سەييارە ئىشلىگەن دوختۇرخانا ۋە ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىمۇ سەييارە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات خانىمنى تۇرۇش بۇيرۇقى.

2014‏-يىلى شىخەنزە مېدىتسىنا ئونۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن سەييارە نىجات ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ 3 يىل ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر قاتارىدا ئۇنىڭمۇ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەنلەرنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلگەندىن كېيىن بىر قىسمىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ زاۋۇت-فابرىكىلارغا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا يوللانغانلىقى ھەققىدە ئائىلىسىگە ئاغزاكى ياكى يازما ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە زور بىر قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئەنە شۇ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان غايىپلاردىن بىرى سەييارەنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن رەخى ھاجىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، سەييارەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تۇتقۇندىن كېيىن ئىز-دېرىكى يوقالغانلىقى ھەققىدە چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۇچۇر بېرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى بۇ دوختۇرخانىدا سەييارە نىجات ئىسىملىك بىر دوختۇرنىڭ بار ياكى يوقلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، سەييارە ھەققىدە ئالاقىدار بۆلۈملەردىن ئۇچۇر ئېلىپ بېرىشنىمۇ رەت قىلدى.

سەييارەنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەدىسىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، سەييارەنىڭ ئاتا-ئانىسى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەنى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ 4 ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3‏-قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغان. ئۇقتۇرۇشتا سەييارىنىڭ تېرورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت قانۇنسىز ماتېرىياللارنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار گۇمان بىلەن تۇتۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

تەڭرىتاغ رايونلۇق 3-قاماقخانىغا قىلغان تېلېفونىمىز باغلانغان بولسىمۇ، گۇندىپاي سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، سەييارە تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى باشقا بىر ئاتالمىش «جىنايەت» بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدىغان كىشى قالمىغان. سەييارەنىڭ ئانىسى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، دادىسى نىجات ئابدۇرېھىم 1 يېرىم يىل لاگېردا ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇلار لاگېردىن چىقىپ قىزى سەييارەدىن ئۇچۇر ئېلىشقا توختىماي ھەركەت قىلىپ باققان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئۇلار غۇلجادىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈرۈمچىدىكى 4 ساقچى ئورگىنىغا بېرىپ ئەھۋال سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇلارنى دەرۋازىدىن كىرگۈزمىگەن، بەزىلىرى قوپال ۋە ئېنىقسىز جاۋاپ بىلەن يولغا سالغان؛ يەنە بەزىلىرى سەييارەنىڭ ئىسمىنىڭ تۇتقۇنلار تىزىملىكىدىن تېپىملغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى خادىملىرى سەييارە نىجات ھەققىدە جاۋاپ بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سەييارە نىجاتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۇچۇر بەرمىگەندىن سىرت ئۇنىڭغا بۇ ئەھۋالنى ئېغىزدىن چىقارماسلىق، يەنى جەمئىيەتكە، تېخىمۇ توغرىسى خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن ئىزچىل بېسىم ئىشلەتكەن ۋە تەھدىت سالغان.

سەييارەنىڭ ھەدىسى نادىرە ئاتا-ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۈگۈنگىچە سەييارەنىڭ غايىپلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەي كەلگەن بولسىمۇ، بۇ سۈكۈتنىڭ سەييارە ئۈچۈنمۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. سەييارەدىن ئۇچۇر ئالامىغان ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. شۇڭا ئۇ ئاخىرى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا ۋە بۇ ئائىلە پاجىئەىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان.