ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تاپشۇرۇۋالغان مەبلەغ توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە باشقا ھەمراھ ئاخبارات تورلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان فېدېراتسىيە مەبلەغلىرى، شەنبە كۈنى (15-مارت) ئەتىگەندىن باشلاپ توختىتىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى (14-مارت) كەچتە چىقارغان ئىجرائىيە بۇيرۇقىدا ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) تەركىبىدىكى «مەۋجۇت بولۇشى قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلمىگەن ئورگانلار» نى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنغان. ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى بولسا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە باشقا بىر قانچە مۇستەقىل خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان فېدېراتسىيە ئاگېنتلىقى ھېسابلىنىدۇ.
ئادەتتە ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) نىڭ مەبلىغى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىدۇ؛ USAGM بۇ مەبلەغنى ئۆز تەركىبىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ئورگانلىرىغا تەقسىم قىلىدۇ.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ ئىجرائىيە بۇيرۇقىدا، ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM)، مۇزېيلار، ئۆيسىزلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئورنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورنى ۋە باشقا تۈرلەر ئۈستىدە ئىشلەيدىغان ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە باغلانمايدىغان ئالتە ئورگاننى «قانۇنغا ئەڭ ئۇيغۇن ھالەتتە» قىسقارتىشنى بۇيرۇغان. مەزكۇر بۇيرۇقتا ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) نىڭ تەركىبىدىكى «مەۋجۇت بولۇشى قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلمىگەن» ئاخبارات ئورگانلىرى نەزەردە تۇتۇلغان، ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ «مەۋجۇت بولۇشى قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلگەن» بولۇپ، «خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە قانۇنى» بويىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.
ھالبۇكى، 15-مارت كۈنى ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) نىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى كارى لېيكې (Kari Lake) نىڭ ئىمزاسى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پىرېزىدېنتىغا ئەۋەتىلگەن مەخسۇس خەتتە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا تەمىنلىنىۋاتقان فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئىشلىتىلمىگەن پۇللارنى تېزدىن قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ خەتتە يەنە كەلگۈسى 30 كۈن ئىچىدە بۇ توغرىلىق ئەرز سۇنسا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرىنىڭ قانداق شەكىلدە ۋە قاچان توختايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پەقەتلا فېدېراتسىيە مەبلىغىگە تايىنىدىغان ئاخبارات ئورگىنىدۇر.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پىرېزىدېنتى بەي فاڭ 15-مارت كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بېرىلىۋاتقان فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ توختىتىلىشى، ئەمەلىيەتتە دىكتاتورلارغا ۋە مۇستەبىتلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. بۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ئۆز تەشۋىقاتلىرىنىڭ تاراتقۇ بوشلۇقىدا چەكلىمىسىز تارقىلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى بۇ ئۇقتۇرۇش ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاۋاتقان 60 مىليونغا يېقىن ئاڭلىغۇچىنى ئۇچۇر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكانىڭ رىقابەتچىلىرىگە پايدا يەتكۈزىدۇ.»
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۆز ئالدىغا تەھرىرات مۇستەقىللىقى بولغان، دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان قانۇن بويىچە فېدېراتسىيە مەبلىغى ئارقىلىق تەمىنلىنىدىغان ئاخبارات ئورگىنىدۇر. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى 1996-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي تىلىدا ئاڭلىتىش باشلىغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا يەنە كانتون (گۇاڭدوڭ)، ئۇيغۇر، تىبەت، كورېيان، كامبودژا، ۋېيتنام، بېرما ۋە لائوس قاتارلىق توققۇز تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان كۆپ تىللىق رادىيو بولۇپ كېڭەيگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئەركىن مەتبۇئاتلىرى ئاز ياكى يوق بولغان دۆلەتلەرگە رادىيو، تېلېۋىزىيە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا سېنزورسىز ۋە تەشۋىقات خاراكتېرى بولمىغان مەنبەسى ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شىمالىي كورېيە، تىبەت ۋە شىنجاڭ قاتارلىق يېپىق دۆلەتلەر ياكى رايونلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكتىن، بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى تەرجىمىلىرى ئاشۇ دۆلەت ياكى رايونلار ھەققىدىكى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قالماقتا.
ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) نىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا يۈز مىليونلارچە ئاڭلىغۇچىسى بولغان 60 دىن ئارتۇق تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىيو ئىستانسىسى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى \ ئازادلىق رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلارمۇ بار. ئۇلارنىڭمۇ مەبلىغى 15-مارتتىن باشلاپ ئوخشاشلا توختىتىۋېتىلگەن. ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM تەرىپىدىن بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «كۇباغا ئاڭلىتىش» رادىيوسى شەنبە كۈنى (15-مارت)تىن باشلاپ بارلىق خادىملىرىنى مائاشلىق شەكىلدە ۋاقىتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ باش دىرېكتورى مايكىل ئابراموۋىتز (Michael Abramowitz) ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىگە مۇنداق يازغان: «مەن بۈگۈن ئەتىگەن ‹ئامېرىكا ئاۋازى› دىكى بارلىق خادىملارنىڭ، يەنى 1300 دىن ئارتۇق مۇخبىر، پىروگرامما تەييارلىغۇچى ۋە مەمۇرىي خادىمنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار.»
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ پىروگرامما مۇدىرى كارلوس مارتىنېز دې لا سېرنا (Carlos Martinez de la Serna) دۆلەت مەجلىسىنى «مەتبۇئات چەكلەنگەن دۆلەتلەردە ئۇچۇرلارنى يوشۇرماي تارقىتىدىغان» ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) نىڭ مەبلىغىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان.
ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئاقساراينىڭ دۆلەت مەجلىسى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ دۇنيادىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشىغا قارشى تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلىۋاتقان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئىشتىن توختىتىشى، تولىمۇ قەبىھلىكتۇر».
«خىتاينى كۆزىتىش» تەشكىلاتىمۇ ئاقساراينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ فېدېراتسىيە مەبلىغىنى توختىتىشى، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرغان:
كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ۋەكىلى ئامى بېرا (Ami Bera) X تا يازغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۆزىنىڭ توغرا ۋە ئوچۇق-ئاشكارا خەۋەرلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ تەسىرىنى پاش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا ئېلىپ بارغان تىنىمسىز سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسەتتى». ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ كۈچلەر رىقابىتىدە، ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۈچلۈك ياردەمچى بولدى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە بېيجىڭنىڭ چەت ئەلدىكى يوشۇرۇن ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتتى».
ئامېرىكانىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مايكل مېكفاۋل (Michael McFaul)، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە ئۇنىڭ قېرىنداش نەشر ئورگانلىرىنىڭ توختىتىلىشىنى «خىتايغا بېرىلگەن چوڭ سوۋغات» دەپ ئاتىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى مايا ۋاڭ (Maya Wang) مۇنداق دەپ يازغان: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شىنجاڭ ۋە تىبەتكە ئوخشاش جايلاردىن ئۇچۇر ئالالايدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاراتقۇلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئىشتىن توختىتىلىشى، بۇ جايلارنى ئۇچۇر-ئاخباراتنىڭ قارا ئۆڭكۈرىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ دەل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈتكەن يېرىدۇر».
ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) نىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى كارى لېيك (Lake) نىڭ ئىمزاسى بىلەن شەنبە (15-مارت) كۈنى X تا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ بىر قاتار بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھەمدە كۆپلىگەن باش-باشتاقلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن «قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا» چۈشۈپ قالغانلىقى ئېيتىلغان. ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتى ئاساسەن كۆرسىتىلمىگەن.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ئاگېنتلىق يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە چىرىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئامېرىكا باج تۆلىگۈچىلىرىگە ئېغىر يۈك بولۇپ قالغان ئورگاندۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قارىتا بىر خەۋپ. ئەلۋەتتە، USAGM نىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ بار، يەنى بۇ ئاگېنتلىقتا تالانتلىق ۋە پىداكار خىزمەتچىلەر بار، ئەمما مەۋجۇت مەسىلىگە نىسبەتەن ئۇلار بۇنىڭ سىرتىدا».