رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يېرىم يىللىق كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ۋە تيەنجىندە خىزمەت قىلىۋاتقان ياش رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە سوتلانغان. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە سوتلىنىشىغا، شۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئاۋۋال تۈركىيەدە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ۋە تۈرك فىلىم شىركەتلىرىدە ئىشلەش جەريانىدا كۆرۈلگەن «مەسىلىلىرى» سەۋەب بولغان. يەنە شۇ چاغدىكى ئېنىقلىشىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا ئىكرام نۇرمەمەتكە چېتىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى چېغىدا مۇناسىۋەت قىلغان تۆت نەپەر دوستىمۇ سوتلانغان ۋە بۇلار تېررورلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش ۋە قېتىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بۇ سوت ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە خەۋەر بەرگەن ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىكرام ۋە دوستلىرى سوراق جەريانىدا ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىنغان ۋە ئىكرامدىن باشقىلىرى «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان؛ سوتتا ھۆكۈم كېيىنگە قالدۇرۇلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە يەنە رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، سوت ھۆكۈمى بۇ يىل 1-ئايدا چىققان ۋە ھۆكۈمدە ئىكرام ۋە دوستلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 يىلدىن 6 يېرىم يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىكرام «جىنايەت» گۇرۇھىنىڭ يېتەكچىسى دەپ قارىلىپ 6 يېرىم يىللىق كېسىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتنىڭ بىر خادىمى ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ 6 يېرىم يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، سوت ھۆكۈمىدىن ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئانىسى خەۋەرسىز قالدۇرۇلغان. ئىكرام نۇرمەمەت ھۆكۈمگە نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى بولغان بولسىمۇ، مۇستەقىل بىر ئادۋوكاتى بولمىغانلىقى ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي قانۇنلىرىدا قەغەز يۈزىدە بېكىتىلگەن 3 ئايلىق قايتا ئەرز سۇنۇش پۇرسىتىدىنمۇ پايدىلىنالمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمى، ئىكرام نۇرمەمەت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى تۈرمىگە يۆتكەلمىگەنلىكى، يەنىلا قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپىنچە جايلىرىدىكى تۈرمىلەردە بوش ئورۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەھكۇملارنىڭ تۈرمىلەرگە يۆتكەلمەي قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان؛ قاماقخانىنىڭ شارائىتى تۈرمىدىنمۇ ناچار بولغاچقا، بەزى مەھكۇملارنىڭ قاماقخانىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا، «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە خىتاينىڭ چىشىغا تېگىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئۇزاق تۇرغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ بىر ياتاقتا ياتمىغانلىقى، شۇنداق ئېھتىيات قىلىپ تۇرۇپمۇ، خىتاينىڭ گۇمانىدىن قۇتۇلالمىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

بۇ قېتىمقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئۇنىڭ 4 دوستىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق كىملىكلىرى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

يۇقىرىدا تيەنجىندە ئېلانچىلىق ۋە قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ 6 يېرىم يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.