يىللاردىن بېرى ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنى خىتاي تۈرمىسدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئادۋوكات رەيھان ئەسەت 22-ئاپرېل لىتۋا پارلامېنتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنشىپ، ئىنىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بايان قىلغان.
رەيھان ئەسەت بىر كۈن ئالدىدا ئۆزىنىڭ فېيسبوك ھېسابىدا بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «لىتۋا پارلامېنتنىڭ زىگمانتاس پاۋليونىس رىياسەتچىلىكىدە بۇنداق مۇھىم بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچىدىغانلىقى ۋە مېنى ئۇنىڭغا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنىڭ ھېسداشلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۇنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتىنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە مەن بۇ رىياللىقتىن بەك ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمەن، ئەمما زىيگ پاۋلىيوس ماڭا بۇ قاراڭغۇ تونېلدىن چىقىدىغان بىر ئۈمىد نۇرى بېغىشلىدى. زىيگ، سىز مېنىڭ ئىنىمغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۈمىد بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ». رەيھان ئەسەت بۇ ئۇچۇرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىدا ئۆزىگە ياردەم بېرىۋاتقان باشقا دوستلىرىغىمۇ رەھمەت ئېيتقان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەيھان ئەسەت ئۆزىنىڭ بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئامېرىكادىلا ئەمەس، ياۋروپادىمۇ نۇرغۇن ئادۋوكات دوستلىرىم بار. ئۇلار مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلار ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەردى، ھەر قېتىم بۇنداق يىغىنلارغا قاتناشسام ئۇكامنى ئويلاپ ئازابلىنىمەن، شۇنداقتىمۇ ئۇكامنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىم كېرەك».
بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ياۋروپا پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رېيىن ھارد، ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى توم تۇگېنھاد قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.
رەيھان ئەسەت بۇ يىغىندا ئىسپات ئۈچۈن سۆزلىگەنلىرى ھەققىدە توختىلىپ دېدى: «ئۇكام ئامېرىكىدىكى يىغىنغا كەلگەندە لىتۋانىڭ پرېزىدېنتىمۇ كەلگەنىدى. مەن يىغىندا شۇنى ئەسلەتتىم. ئۇكامنىڭ 2019-يىل ئاقسۇدىكى تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئېيتتىم ۋە بۇنىڭ پەقەت مېنىڭ قېرىندىشىملا ئەمەس، مىليودىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرى دۇچ كەلگەن پاجىئە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم».
رەيھان ئەسەت گۇۋاھلىق ئۈچۈن بەرگەن سۆزلىرىدە يەنە ئىنىسى ئەكبەرنىڭ ئاقسۇدىكى تۈرمىگە يالغۇز سولىنىپ قىيىن-قىستاقتا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە ئەكبەرنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىشەنچ باغلاپ، ئۆز دىيارىدا ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشقا باغلىغان ئىرادىلىك بىر ياش ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر سەر خىللىرىغا زەھەرلىك قولىنى سۇنغانلىقى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇقى كىرزىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ خالىغانچە كېسىلىپ تۈرمىلەرگە، تۈرمىلەردىن لاگېرلارغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا شىركەتلەر ۋە چەت ئەلدىكى خەلقنىڭ بۇ جىنايەتكە شېرىك بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
رەيھان ئەسەت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا لىتۋا پارلامېنتىغا ئىنىسى ئەكبەرنى خەلقئارالىق گراژدان سۈپىتىدە ئۆز دۆلىتىگە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ياردەم قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش، ئىنسىغا ئوخشاش مىليونلىغان ئىنسانلارنى قىيناۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش، ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ خىتاينىڭ جىنايىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى سۇنغان.
ئاخىرىدا ئۇ بۇ يىغىندىن ئالغان تەسىراتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندىن كېيىن لىتۋا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرسەم، ئۇلار: ‹رەيھان ئەسەت بىلەن ئەكبەر ئەسەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر بىزنى بەكمۇ ئازابلاندۇردى، بۈگۈن ھەممىمىز ئۇيغۇر› دەپ يېزىپتۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم، بىر ھەدىنىڭ ئۆز ئىنىسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرى كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرسا كېرەك».