ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا سەنئەتكار ۋە سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت خانىم بىلەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان گۈزەل يۇرتى غۇلجانى، جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى تاشلاپ چەت ئەلگە چېقىش قاراى ئالغانلىقى ۋە ئەنگلىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى سىياسىي پائالىيەت ھاياتى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرگەنلىكى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق.
خۇددى رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتقىنىدەك، «ھېچكىم سىياسىي پائالىيەتچى بولۇپ تۇغۇلمىغان».
ئۇنىڭ زىيارىتىمىز داۋامىدا ئېيتىشىچە، ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل شەكىلدە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى قىرى-ياش، ئەر-ئايال، سەنئەتكار-موللا، زىيالىي-دېھقان دېمەستىن، قارا-قويۇق كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىشى، ئۇنىڭ ھايات نىشانىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي خىتايچىلاشتۇرۇش، يەنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ئۇ ئۇيغۇر سەنئىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن.
ئۇ ئەنگلىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدە مۇھىت باشقۇرۇش (Environmental management) كەسپىدە تىرىشىپ ماگىستېرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان بولسىمۇ، ئۆز خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر كۈندە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر يول تېپىشقا قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، ئۇلاردىن ياردەم ئېلىشنى پىلانلىغان. بۇ جەرياندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ ئوقۇتقۇچىسى رەيچىل خاررىس خانىم بىلەن تونۇشقان. «ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، زېمىنى ۋە دىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ» دەپ قارايدىغان رەيچىل خانىم، رەھىمە خانىمغا سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنياغا تونۇتۇش، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئاشۇنداق مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتنى قوغداشقا چاقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن رەھىمە خانىم ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپلەردە، خەلقئارالىق مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى جاراڭلاتقان.
ئۇ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن «لەۋەن يارلار» ناملىق ناخشىنى ئاۋازغا ئېلىپ تارقاتقان. ئۇ ئۆزى قاتناشقان كونسېرتلىرىدا بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ، مەزكۇر ناخشا تېكىستىدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق ھەسرىتىنى تاماشىبنلارغا ئاڭلاتقان.
ئۇنىڭدىن باشقا 2018-يىلى ئىيۇلدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن تونۇلغان شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «يىغلا شامال» ناملىق شېئىرىنى سەھنىلەردە ناخشا قىلىپ ئوقۇش ئارقىلىق، تۇتقۇندىكى شائىرنىڭ ئەھۋالىدىن دۇنيانى خەۋەردار قىلغان ۋە شائىرنىڭ قويۇپ بىرىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ئارقىلىق چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقالغان قىسقا ۋىدىيولاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار، داڭدار شەخسلەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭمۇ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.
«ئۆلۈم لاگېرى» دەپ ئاتالغان ئۇ لاگېرلاردىن ھايات قۇتۇلۇپ چىقالىغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار لاگېردا ئۆلگۈدەك قىيىن-قىستاققا ئېلىش، قىز-ئاياللارغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچلىق قىلىش، جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلاش قاتارلىق تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خورلاشلارغا شاھىت بولغان. لاگېرلاردىكى جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بارلىق تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش لاگېردىكى خورلاشنىڭ ئاساسلىق بىر تۈرى بولغان.
رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ BBC قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدا ئاشۇ لاگېر شاھىتلىرىغا تەرجىمانلىق قىلغان. خىتاينىڭ ئۆز مىللىتىگە يۈگۈزۈۋاتقان ئېچىنشلىق سىياسىتىنى ئەڭ يېقىن نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىش ۋە ئانالىز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
رەھىمە خانىم سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەنگلىيەدىكى «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» (IPAC) نىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان، ئۆتكەن يىلى جەمئىي ئۈچ قېتىم گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن، ئاخىرى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىسپات توپلاش ۋە تەرجىمە ئىشلىرىغا باشتىن-ئاخىر ياردەمدە بولغان.
ئۇ ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن نۇسرەت غەنى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئەنگلىيە پارلامېنىتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە خەلقى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسىگە دېگۈدەك رەھىمە خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
ئۇ يوقىرىقى پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرىنى ئورۇندىغان. نەق مەيدان ئورۇنلانغان ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلغان ئۇيغۇر خەلق ناخشلىرى ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر مول مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشقا تىرىشقان. ئۇ سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان سىياسىي پائالىيەتلەردە ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئەل-جەزىرە» قانىلى ئىشلىگەن «نامەلۇم ھالەتتە ياشاش» ناملىق مۇكاپاتلىق ھۆججەتلىك فىلىمگە رەھىمە خانىمنىڭ ئىجادى ناخشىلىرىدىن «گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم» ناملىق ناخشىسى كىرىشتۈرۈلگەن. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چەت ئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەسلىك ئەندىشىسى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن ئىكەن.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن رەيچىل خاررىس خانىمنىڭ پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا رەھىمە خانىم ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» دىن ئارىيە ئورۇندىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە ئويۇن قويغان ھەرقانداق سەھنىدە بىر-ئىككى پارچە مۇقامدىن ئارىيە ئورۇنلىنىدىكەن.
رەھىمە خانىم سەھنىدە سەنئەت ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ كۆيگىنى بىلەن يۈرىكىدە يۇرت ئىشقىدا پۇچىلىنىدىغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالدى. لېكىن ئۆز مىللىتىگە قىلىنغان زۇلۇم ئاشقانسېرى ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ شۇنچە ئېغىرلاشقاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ۋە مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ھاياتىنىڭ نىشانى قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئىنتايىن كەسكىن ۋە قەتئىي ئىدى.
دەرۋەقە، رەھىمە خانىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ناخشىچى ۋە تەرجىمان. ئۇ ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، شۇنداقلا ئەنگلىيەدىكى «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى.
ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىردا مۇنداق بىر قىسقا ئەسلىمىسىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئەنگلىيەگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا بالىلىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئانىلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمنى تاپىلىغانىدى. مەن ئۇلارغا ۋەدە بەرگەن، مەن ئاشۇ ئانىلارغا بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇنلىدىم.»