دائىرىلەر قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە روجىستىۋا ۋە يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ۋە خىتاي خرىستىئانلىرىنىڭ دىنىي مۇراسىمىغا مۇداخىلە قىلدى

يېقىندا يەكەن ناھىيىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر ناھىيىدىكى بىر توپ ئۇيغۇر ۋە خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ بىر يەرگە توپلىنىپ، روجىستىۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە دىنىي مۇراسىمىغا مۇداخىلە قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە خرىستىئان مىسسىئونېرلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ئامېرىكىدىكى خرىستىئان دىنىي گۇرۇھى " جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى يەكەن ناھىيىسىدە بىر يەرگە توپلىنىپ، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئۇيغۇر، خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن 31 كىشىنىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمىغان ۋە ئۇلارنىڭ "قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش" ئېلىپ بارغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەن.

لېكىن بۇ ۋەقە يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي پائالىيىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن مۇداخىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر بىردىن - بىر ۋەقەسى ئەمەس. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن 21 - دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ چىتەي ناھىيىسىدە بىر يەر ئاستى خرىستىئان چېركاۋىنىڭ 3 نەپەر مۇرىتى تۇتقۇنغا ئۇچراپ، " قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش"قا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. دائىرىلەر ئۇلارنى 5 كۈن قاماپ قويۇپ، 27 ‏- چېسلا قويۇپ بەرگەن ئىدى.

"جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" نىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا يەكەندىكى دىنىي مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ ئىچىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغانلار يوق.

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارغا ئوخشىمىغان دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈپلا قالماي، خرىستىئانلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئوخشىمىغان سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. "قانۇنسىز" دەپ قارالغان خرىستىئان دىنىي پائالىيەتلىرىگە سۈكۈت قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاتالمىش "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلىرىنى " ئۈزۈل-كېسىل باستۇرماقتا ۋە مۇسۇلمان دىنىي زاتلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا.