ياپونىيە باش ۋەزىرى نائۇتو كان 2011‏- يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن

ياپونىيە باش مىنىستىرى نائۇتو كان 2011‏- يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 9 ‏- ئايدا سېنكاكو تاقىم ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن خىتاي بېلىقچىلار كېمىسى بىلەن ياپونىيە چارلاش پاراخوتىنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىش سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

"كيۇدو "ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى ۋەقەدىن خەۋەردار ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيە تەرەپ نائۇتو كاننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا شەرت شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن تۈرلۈك قاناللارنى ئىشقا ساقلىماقتا ئىكەن. خەۋەردە نائۇتو كاننىڭ سابىق ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېيجى ماھىخارا خىتايغا ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ زىيارىتىنى يول ئېچىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

"كيۇدو" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ھەممە ئىش توسالغۇسىز ماڭسا، نائۇتو كان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتدارلىق مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزماقچى ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى 9 ‏- ئايدا يۈز بەرگەن خىتاي - ياپونىيە پاراخوت ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز چېكىنىپ، ھەر ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىدا بىر-بىرىگە قارشى ئۆچمەنلىك كەيپىياتى كۈچەيگەن ئىدى.

ياپونىيە ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان "مۇداپىئە قوللانمىسى" دا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىلىدىغان نىشان، دەپ ئېلان قىلغان. ياپونىيىنىڭ خىتاينى ئۆزىنىڭ مۇداپىئە قوللانمىسىدىكى تەھدىت نىشانلىرىنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ياپونىيە- خىتاي ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بىر بىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۆز ئارا ئۇچۇرۇشۇشىغا نۇرغۇن توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.