خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە بىر يېڭى شەھەر قۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 29 - دېكابىر ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە بىر يېڭى شەھەر قۇردى. بۇ شەھەر كورلىنىڭ باشئەگىم رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىكتە باشقۇرىدىكەن. شەھەرگە خىتايچە «تيېمېنگۇەن» ئۇيغۇرچە «باشئەگىم» دەم نام بېرىلگەن.


«ئاسىيا كىندىكى» خەۋەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر شەھەر 2010 - يىلدىكى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم، ئىقتىسادىي ئاساسىي ياخشى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئەسكەر تۇرغۇزۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەن رايونلاردا ناھىيە ۋە شەھەر قۇرۇش» پىكرىگە ئاساسەن قۇرۇلغان.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى شەھەر قۇرۇش پىلانىغا بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى رەسمىي تەستىق سالغان.

ئىلگىرى بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئالار ۋە تۇمشۇق شەھەرلىرىنى قۇرۇغان ئىدى.