ئامېرىكا خىتاينىڭ سىچۈەننىڭ ئابا ناھىيىسىدىكى تىبەت نامايىشچىلىرىغا كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سىچۈەننىڭ ئابا ناھىيىسىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بىلەن تەنقىد قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر پەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئابادىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى «خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىغا زىت» دەپ تەكىتلىگەن.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئاي كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى بىر تىبەتلىك راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى مەزكۇر ئىبادەتخانىدىكى راھىبلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىغا كىرمەكچى بولغان. لېكىن بۇ ئىبادەتخانىدىكى راھىب ۋە يەرلىك تىبەت ئاھالىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىلەن يەرلىك تىبەت خەلقى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى توقۇنۇشتا نۇرغۇن تىبەت پۇقرالىرىنىڭ «ئېغىر يارىلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. مارك تونېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ «ۋەزىيەتنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئەلۋەتتە بۇ ۋەقەدىن ئەندىشە قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى 2000 دەك راھىبنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىبادەتخانىدىن چىقارماقچى بولغان. بۇنىڭدىن نارازى بولغان يەرلىك تىبەت ئاھالىسى راھىبلارنى قوغداپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقان.