مېڭ جيەنجۇنىڭ ياردەمچىسى خىيانەتچىلىك سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلگەن

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى جېن شاۋدۇڭ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىلىسى خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

جېن شاۋدۇڭ بەزى خەۋەرلەردە ئۇ ئا ر پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا يۆتكىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، جېن شاۋدۇڭنىڭ خىزمەت ئورنىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارقانلىقى، زور مىقداردا پارا ئالغانلىقىنى، مەركىزى دائىرىلەرنىڭ رەسمىي دىلو تۇرغۇزغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خەۋەرلەردە ئۇنىڭ زادى قانچىلىك پارا ئالغانلىقى ئاشكارىلانمىدى.

جېن شاۋدۇڭ ئىلگىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ 2005 ‏- يىلى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن ئىدى.

جېن شاۋدۇڭنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەر بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا "مالىيە - ئىقتىساد" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جېن شاۋدۇڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى يىغىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە جېن شاۋدۇڭ ئۈستىدىن رەسمىي دىلو تۇرغۇزۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزالىقى بىكار قىلىنىپ، پارا ئالغان پۇلى قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېن شاۋدۇڭنىڭ پارا ئالغانلىقىغا دائىر بۇ خەۋەر 2009 ‏- يىلى ئۈرۈمچىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن تەنقىدكە ئۇچرىغان، بەزى مەتبۇئاتلاردا ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىچكىرىگە يۆتكىلىپ، ئورنىغا ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ كېلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر چىققان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.