رۇسىيىنىڭ «نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن رۇسىيىدىكى "گولاس"دەپ ئاتالغان تەشكىلات سايلامدا 5000 دىن ئارتۇق بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ پاش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. موسكۋادا شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، 12 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى سايلامدا نۇرغۇنلىغان سايلام ئۆلچىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەتتا ئىنتېرنەت خاككېر ھۇجۇملىرى بولگانلىقىنىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
كېلەر يىلى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، پۇتىن قايتىدىن سايلامغا چۈشىدۇ.