4 - دېكابىر كۈنى رۇسىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر سايلامدا رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى سايلىنىپ چىقىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيىدىكى بىر قىسىم پارتىيىلەر ئۆز نامزاتلىرىنى قاتناشتۇرغان. لېكىن ھازىرغىچە قايسى پارتىيىنىڭ كۆپ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئالدىن - ئالا جەزىملەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان.

رۇسىيىنىڭ «نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن رۇسىيىدىكى "گولاس"دەپ ئاتالغان تەشكىلات سايلامدا 5000 دىن ئارتۇق بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ پاش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. موسكۋادا شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، 12 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى سايلامدا نۇرغۇنلىغان سايلام ئۆلچىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەتتا ئىنتېرنەت خاككېر ھۇجۇملىرى بولگانلىقىنىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

كېلەر يىلى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، پۇتىن قايتىدىن سايلامغا چۈشىدۇ.