ئۆزبېكىستان 1‏-يانۋاردىن باشلاپ تاجىكىستاننى گاز بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلىغان

تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان 1‏-يانۋاردىن باشلاپ تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى كېسىپ تاشلىغان.

بۇ ئۆزبېكىستاننىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە تاجىكلارنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى تۇنجى قېتىم ئۈزۈپ قويۇشى ئەمەس. ئۆزبېكىستان 2012‏-يىلى 4‏-ئايدا بىر قېتىم گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا توختىتىپ قويۇلدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تاجىكىستان ھەر يىلى بىر مىليارد 200 مىليون كۇپمېتىر گازغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بىراق ئۆزبېكىستان 2012‏-يىلى تاجىكلارنى 133 مىليون كۇپمېتىر گاز بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ھەر مىڭ كۈپ مېتىرىنى 300 دوللاردىن ساتقان.

ئۆزبېكىستان ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى تاجىكلارنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تاجىكىستان باش مىنىستىرى ئاقىل ئاقىلوف ئۆزبېكىستاننى دەرھال سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى. بىراق تاجىكىستان تەبىئىي گاز شىركىتى باياناتچىسىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان تەرەپ ئاقىلوفنىڭ چاقىرىغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغان. گاز بىلەن تەمىنلەشنى نېمىشقا توختىتىپ قويغانلىقىغىمۇ ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

ئۆزبېكىستان ئىلگىرى گاز يىتىشتۈرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1‏-يانۋار تاجىكىستان بىلەن بولغان توختام ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، گاز بىلەن تەمىنلەش دەرھال توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ ھەرىكىتى تاجىكىستاننىڭ ئامۇ دەرياسىنى بوغۇپ، سۇ ئامبېرى ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.