مەزكۇر خەۋەردە خىتاينىڭ قازاقىستاندىن بۇ يىل ئىمپورت قىلغان ئومۇمى نېفىت مىقدارىنىڭ 50مىليون توننىدىن ئاشقانلىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ نېفىت توشۇلۇۋاتقان تۇرۇبا يولىنىڭ قازاقىستاننىڭ ناتاسۇ بازىرىدىن باشلىنىپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ مايتاغ نېفىت مەركىزىگە تۇتىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ 1200 كىلومېتىرلىق مۇساپە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە ئالاتاۋ ئېغىزى تاموژنىسىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسئۇلىنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، نۆۋەتتە مەزكۇر تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىكىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ جەھەتتىكى بىخەتەرلىككە قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن؛ ئەمما خەۋەردە بۇ خىل بىخەتەرلىك سەزگۈرلۈكىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ۋە نېمە سەۋەبتىن كۈچەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، يېقىندا خوتەندە يۈز بەرگەن ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ۋە قاغىلىقتا يۈز بەرگەن ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىتلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىق زور ۋەقەلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر بىخەتەرلىك ساھەسىگە قاتتىق دىققەت قىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى غەرب، شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسى، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇر رايوندىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا توغرا ھەل قىلمىسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشلانغان نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئۇ يەنە بۇنچىلىك ئۇزۇن مۇساپىدىكى تۇرۇبا يولىنى بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ھەرقانچە كۈچلەندۈرۈپ قوغداپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.