چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ۋېنسېنت برۇسېل بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئاخبارات خادىملىرىغا قارىتىلغان 9 تۈرلۈك زىيانكەشلىكنىڭ ئىچىدە ئۆلتۈرۈلۈش ۋە گۆرۈگە ئېلىنىش ھادىسىسىدىن سىرت، قالغان زىيانكەشلىك تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش ھەم بېسىش جەھەتلەردە دۇنيادا رىقابەتچىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، 2010 - يىلى يەر شارى بويىچە 57 نەپەر مۇخبىر ئۆلتۈرۈلگەن، 51 نەپەر مۇخبىر گۆرۈگە تۇتۇلغان، 535 نەپەر مۇخبىر قولغا ئېلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان، 1374 نەپەر مۇخبىر جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغان.
ۋېنسېنت برۇسېل، 2010 - يىلى خىتايدا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ 40 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، تەخمىنەن 25 مۇخبىرنىڭ جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى، مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ساقچى ۋە ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە قورقماي پىكىر قىلىدىغان ئاخبارات خادىملىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، دېموكراتىيە تەرەققىياتى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان دىققەت نەزىرىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللاغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.