ئۈرۈمچى شەھىرى يول ياقىسىدىكى كەچلىك بازارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىلىرى كېلەر يىلدىن باشلاپ يول ياقىسىدىكى كەچلىك بازارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن باشقا رايونلاردىمۇ بۇنداق بازارلارنى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دائىرىلەرنىڭ 28 ‏- دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بازار باشقۇرۇش، شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يول ياقىسىدىكى كەچلىك بازارلارنى تاقاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

لېكىن خەۋەردە كەچلىك بازارلارنى تاقىغاندىن كېيىن، كەچلىك بازاردا تىرىكچىلىك قىلىپ جان باقىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا "پەقەت "كەچلىك بازار تىجارەتچىلىرىنىڭ دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىشى، بازارغا كىرىپ تىجارەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغانلىقى" تەكىتلەنگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ كەچلىك بازارلارنى تاقاش قارارىغا ئاساسەن تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونىدىكى "ئىتتىپاق مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر كەچلىك بازىرى"، " 1‏- ماي كەچلىك بازىرى"قاتارلىق ئۇيغۇرلار تىرىكچىلىك قىلىدىغان يول ياقىسىدىكى كەچلىك بازارلارنىڭ ھەممىسى تاقىلىدىكەن. دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كەچلىك بازارلارنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "قاتناشنىڭ راۋان ئەمەسلىكى، شەھەر قىياپىتى، يېمەك- ئىچمەك ۋە تازىلىق بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تۈگىتىش" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كەچلىك بازارلارنى تاقاش قارارى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ئايدىڭ ئەمەس. لېكىن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر كەچلىك بازارنى تاقاش قارارى ئۇيغۇر كۆچمەن نوپۇسىنىڭ كونترول قىلىش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، سىرتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش يولىنى توسۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشىنى كونترول قىلىشتۇر.