ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى تەبرىكلەندى

بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مەركىزى خىزمەت بىناسىدا زىياپەت بېرىلدى.

زىياپەتكە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى قاتارلىق قېرىنداش رادىئولاردىن كەلگەن مېھمانلار قاتناشتى.

زىياپەتكە يەنە ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن كەلگەن رەھبەرلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى. زىياپەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى ب ب گ نىڭ باشلىقى ۋالتېر ئىساكسىن سۆز قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

رادىئويىمىزنىڭ قۇرۇلۇش يىلى خاتىرىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ، ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتقان خەلقنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جۈملىدىن رادىئونىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاي، ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت، بېرما، لائۇس، كامبودژا قاتارلىق 9 دۆلەت ۋە رايونغا ئاڭلىتىش بېرىپ كەلمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى 1998-يىلى تەسىس قىلىنغان.