كېچىلىكنى مەركىزى ۋاشىنگىتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كېچىلىكنىڭ باشلىنىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، 2009 - يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرلىك بىر يىل بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېچىلىك پائالىيەت جەريانىدا مېھمانلار مىللىي تائاملارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، مىللىي ناخشا، مۇزىكىلارنى شۇنداقلا خالىسانە گۇرۇپپىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى " تەنلىرىم ياپراق"، " بىزنىڭ مارشىمىز" دېگەن كوللىكتىپ ناخشا ۋە مارشلارنى ئاڭلىدى ھەمدە ئۇسۇل ئوينىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېڭى يىل كېچىلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا يېڭى يىلنى "قېرىنداشلارنىڭ ئۈز - ئارا ئۇچرىشىپ، بىرگە تەنتەنە قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت " دەپ تەكىتلىگەن.
يېڭى يىل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىدا بەك ئومۇملاشمىغان بىر پائالىيەت بولسىمۇ، لېكىن غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئۇچرىشىپ، دىدارلىشىدىغان ۋە مۇڭدىشىدىغان ياخشى پۇرسەت، دەپ قارىلىدۇ.
ۋاشىنگتون ۋاقتى بىلەن سائەت 7:00 لەردە باشلانغان كېچىلىك ئەتىسى تاڭ سەھەر سائەت 1:00 گە قەدەر داۋام قىلدى.