2017-يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ھەر خىل تەھدىت-ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر تېمىلىرى بولۇپ كەلمەكتە.
خەلقئارادا تونۇلغان لاگېر شاھىتلىرىدىن، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، لاگېردا كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن 2019-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى داۋالىنىش نامىدا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ گوللاندىيەدىكى قىزىنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.
لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا ھەر جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، سالامەتلىكىدىن ئايرىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم گوللاندىيەدە بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۆزى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئۈرۈمچىدىكى لاگېرلاردا كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاپ كەلگەنىدى.
قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تاراتقۇلاردا ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن بۇيان، ئۆزى ۋە ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈزلۈكسىز تەھدىتكە ئۇچراپ كەلگەن.

31-مارت كۈنى قەلبىنۇر سىدىق خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيەگە كەلگەندىن بۇيان ئاخىرقى قېتىم يەنى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەدىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنى ساقچى ئىدارىسىگە چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىدار ئېكرانىدا قىلغان تەھدىتلىك سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.