نىلقا ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەت مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان. تۇرسۇنئەلىنىڭ نىلقىدا تۇرۇپ خەلقئارا جامائەتكە ئىنكاس قىلىشىچە، ساقچىلار ئۇ چېتىلغان 2016-يىلدىكى بىر قاتناش ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان. ساقچىلار ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىش جەريانىدا ئۇنى توكلۇق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇش قاتارلىق قېيىن-قىستاق ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئەھۋال ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ، بۇ يىل 13-دېكابىر كۈنى ئاپىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن نىلقا ناھىيەسىگە بارغان. 23-دېكابىر كۈنى نىلقا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە چاقىرتىلغان. ئۇ ساقچىخانىغا بارغىنىدا، ساقچى خادىملار ئۇنى يەر ئاستى سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ، 2016-يىلى چېتىلغان بىر قاتناش ۋەقەسى ھەققىدە سوراق قىلغان. سوراق جەريانىدا، ئۇنىڭ قولى كويزىلانغان، پۇتى كىشەنلەنگەن ۋە توكلۇق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلغان. سوراقتىن كېيىن ئۇنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنغان.
تۇرسۇنئەلىنىڭ قازاقىستاندىكى قىزى جانا تۇرسۇنئەلىنىڭ دېيىشىچە، دادىسى 2017-يىلى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن، ئارقىدىنلا قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. خىتاي تەرەپ باھانە قىلغان قاتناش ۋەقەسى بولسا، 2016-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە تۇرسۇنئەلىنىڭ ماشىنىسى بىر خىتاي كۆچمەننىڭ ماشىنىسىغا ئۇرۇلۇپ كەتكەن. ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كېلىشىپ مەسىلىنى تۈگەتكەن.
جانانىڭ قارىشىچە، ئەگەر شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە راستىنىلا دادىسى جىنايەت سادىر قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قازاقىستانغا چىقىشى چەكلىنىشى، جىنايەت تارىخى بولغىنى ئۈچۈن پاسپورتمۇ ئالالماسلىقى كېرەك ئىدى. جانانىڭ دېيىشىچە، ئەنە شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدىن كېيىن ۋە قازاقىستان پۇقراسى بولۇشتىن ئىلگىرى، دادىسى قازاقىستانغا 3 قېتىم بېرىپ كەلگەن. ئەنە شۇ چاغدا مەزكۇر قاتناش ۋەقەسى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇ قازاقىستان پۇقراسى بولغاندىن كېيىن، ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىشىنىڭ ئۇلاردا، مەزكۇر قاتناش ۋەقەسىنىڭ بىر باھانە ئىكەنلىكى، ئەسلى مەقسەتنىڭ ئۇنىڭ خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە قارىتا بىر ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلغان.
تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەتنىڭ ۋىدىيولۇق ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭغا ئايالى ۋە 80 ياشلىق ئاپىسىنىڭ ئالدىدا زوراۋانلىق قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئىنسانىي قەدىر قىممىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم سورىغان.
نىلقا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تۇرسۇنئەلىنىڭ سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما، تۇرسۇنئەلىنىڭ پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
يۇقىرىدا قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەتنىڭ نىلقىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.