ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئالدىنقى كۈنى يىلقىچىنىڭ 9- ۋە 7-كەنتىگە بېرىپ توختىمىتاخۇن ۋە سېيىت مەمەتخان ئائىلىسىدىن DNA سىنىقى ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئالغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، شاخاپ يېزىسىدىكى بىر قىسىم گۇماندارلار ئائىلىسى بالىلىرىنى تېپىشقا مەجبۇرلىنىپ سوراققا تارتىلغان ۋە ساقچىخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن بىر قىسمىنىڭ كىملىكىنى تېخىچىلا بېكىتەلمەيۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. بۇ ئەھۋال ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، خىتاينىڭ ۋەقەدە گۇماندارلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئوت قويۇش ياكى بومباردىمان قىلىش قاتارلىق ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈش تەدبىرىنى قوللانغانلىق ئېھتىمالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز بۈگۈن يىلقىچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر ياردەمچى خادىمىنى زىيارەت قىلدۇق. خادىم ئۆزىنىڭ يىلقىچىنىڭ 9-ۋە 7-كەنتلىرىگە ۋىلايەتتىن كەلگەن ساقچىلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر ئىككى كەنتتىكى توختىمىتاخۇن ۋە سېيىت مەمەتخان ئائىلىسىدىن DNA سىنىقى ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئالغانلىقىنى پاش قىلدى:
- مەن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرمىدىم، سىرتتا ساقلاپ تۇردۇم. بۇ ئىككى ئائىلە ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ ئائىلىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلاردىن DNA سىنىقى ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم؛ باشقا ئىشلارنى سورىمىدىم، سوراشقىمۇ بولمايتتى. بولۇنغان گەپلەردىن قارىغاندا بەزى جەسەتلەرنىڭ كىملىكى تېخىچە ئايدىڭلاشمىغاندەك تۇرىدۇ.
بىز يەنە، شاخاپ يېزا 12-كەنت پارتكوم سېكرېتارىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ ساقچىلارنىڭ جەسەتلەردىن بىرىنىڭ مەزكۇر كەنتتىكى مامۇت ئىسىملىك بىر گۇماندارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شاخاپ يېزا 2-كەنت سېكرېتارى تۇرادىن تۇرسۇن بولسا، ئۆزىگە دائىرىلەر تەرىپىدىن مەزكۇر كەنتتىكى 3 گۇماندارنىڭ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى، يەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق ساقچىلارنىڭ مەزكۇر ئۆلگۈچىلەر ئائىلىسىگە بېرىپ گۇماندارلارنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى:
- مەن چۈشىنەلمىدىم، ئۆلۈپ بولغان ئادەمنى ئۇ نەدە دەپ يەنە سوراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى يېزىلىق ياكى ناھىيىلىك ساقچىخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.
خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكلىرىنى تېخىچە بېكىتەلمەيۋاتقانلىقى، جەسەتلەرنىڭ تونۇغۇسىز ھالەتتە زەخىملەنگەنلىكى، ۋەقەدە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ قوللانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. رادىئومىزغا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان، نيۇيوركتا ياشاۋاتقان دوختۇر مەھمەت ئىمىن ئەپەندى، جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن DNA سىنىقىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇشنىڭ ئۆزى ۋەقەدە كۆيدۈرۈش ۋە پارتلىتىش قاتارلىق زەخىملەندۈرۈش ۋاسىتىلىرىنىڭ يەنى ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ قوللىنىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ھەقتىكى پىكىر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋات ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.