خىتاينىڭ «21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتى» دە 29-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «بۇ يىل ئاز دېگەندە 10 قېتىملىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ 9 قېتىملىقى شىنجاڭدا يۈز بەردى» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ يىل 10 قېتىملىق زور ۋەقەنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ۋەقەنىڭ تيەنئەنمېندا، قالغان 9 ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنىپ، بۇ ۋەقەلەردە كۆپ ساندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما ماقالە، 30-دېكابىر يەكەندە يۈز بەرگەن ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئىلگىرى يېزىلغان بولغاچ، يەكەن ۋەقەسى تىلغا ئېلىنمىغان.
ماقالىدا 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمىندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدىن سىرت، 15-دېكابىر كونىشەھەر ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن سايباغ ۋەقەسى، 20-ئاۋغۇست قاغىلىقتا يۈز بەرگەن يىلقىچى ۋەقەسى، 23-ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسى، 16-نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 26-ئىيۇن پىچاندا يۈز بەرگەن لۈكچۈن ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەر ئەسلىتىلىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەمەلدارىنىڭ «بىز بۇندىن كېيىنكى ۋەزىپىمىزنىڭ ناھايىتى جاپالىق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمىز» دېگەن ئىبارىسى كىرىش سۆز قىلىنغان.
ماقالە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى تۆلىگەن ئېغىر بەدەللەرنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ پۇخۇەننىڭ 2010-يىلى ھازىرلىغان دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، 1990-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئارىلىقتا يۈز بەرگەن 200 قېتىملىقتىن ئارتۇق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن 162 نەپەردىن ئارتۇق خادىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 440 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى مىسال قىلىنغان. بىراق، 2001-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا يۈز بەرگەن تېخىمۇ شىددەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە كۆپ ساندا ساقچىلارنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، زادى قانچىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىققا تايانغان ھەرىكەتلىرىنىڭ 1990-يىلىدىكى 5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسىدىن باشلانغانلىقى، 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك ۋەقەسىدىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغانلىقى، شۇ يىلى ئولىمپىكنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 9 كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن سەمەن يولى ۋەقەسى، يامانيار ۋەقەسى قاتارلىق ئۈچ قېتىملىق ۋەقە كېلىپ چىققانلىقى، بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ھەرىكىتىدە زور دولقۇن قوزغالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
«بۇ يىل ئاز دېگەندە 10 قېتىملىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ 9 قېتىملىقى شىنجاڭدا يۈز بەردى» ناملىق ماقالە ۋە ئۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدا ئۆتكەن يىلى 200 قېتىمغا يېقىن زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ سىڭىپ كىرىش پىلانى ئاشكارىلاندى» ناملىق ماقالە ھەمدە «تيەنئەنمېندىكى جىنسۈيچاۋ ۋەقەسى» قاتارلىق ماقالىلەر خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قانچە مىڭلىغان خىتايلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىشقان. ئىنكاسلارنىڭ 99% ئىدا ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنى قىلچە رەھىم قىلماي قىرىپ تاشلاش تەشەببۇس قىلىنغان. بەزىلەر «بىرى خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇنىڭ ئۇرۇق جەمەتىدىن تارتىپ قىرىپ تاشلاش كېرەك»، دېسە، بەزىلەر «مىڭنى خاتا ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇكى، بىرنى قاچۇرۇپ قويماسلىق لازىم» دېگەن. بەزىلىرى «داۋاملىق قاتتىق قول بولۇش، رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق، بىرى باش كۆتۈرسە بىرنى ئۆلتۈرۈش لازىم» دېسە، يەنە بەزىلىرى «چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگىمۇ ئارام بەرمەسلىك كېرەك» دېيىشكەن. ئەمما ئىنكاس يازغان10 مىڭدىن ئارتۇق بۇ خەلق ئىچىدىن ھېچبىرى «ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنىڭدا سەۋەب بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 2001-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم تېما ھالىنى ئالغانلىقى، خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت رەھبىرىنىڭ «تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە قول قويغانلىقى تەكىتلەنگەن بۇ ماقالىدە، شى جىنپىڭنىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 دۆلەتكە قىلغان رەسمىي زىيارىتى ۋە بىشكەكتە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئەسناسىدا تېررورغا قارشى تۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. 31-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى مەسئۇلى مېڭ جيەنجۇنىڭ تاشكەنتكە بېرىپ، تېررورغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى كۈچەيتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 9-10-كۈنلىرى كابۇلدا ئافغانىستان، پاكىستان ۋە خىتاي ئۈچ تەرەپنىڭ 3-قېتىملىق دىئالوگىنى ئۆتكۈزۈپ، تېررورغا قارشى تۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەنلىكى، 2014-يىلى ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلىنىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ تامامەن ئۇيغۇر زوراۋان كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.