10-مارت كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خەلقئارا بىرلەشمىسى، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار خاتىرە فوندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت 3 خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان «خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزالىرى ئوغرىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىسپاتلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. يىغىندا خىتايدا قانۇنسىز ۋە مەجبۇرىي ئورگان، يەنى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار فوندىنىڭ ئالاقە ئىشلىرى مۇدىرى كرىستىنا ئولنىي، خىتاي تەتقىقاتى تەشكىلاتىنىڭ خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمان مۇھاكىمىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئالدى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشتە ئەڭ كۈچلۈك پىكىرىنى ساقلاپ كەلگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىدىن پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس سۆز قىلدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ «ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشىنى يوشۇرۇپ ۋە ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسا، بۇ ھەقتىكى دوكلات ۋە پاكىتلار ئالدىدا ئاخىرى 2015-يىلى ‹بىز ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىشنى رەسمىي توختاتتۇق› دەپ ئېلان قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ چوڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. نۆۋەتتىكى پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رەزىللىكى ۋە يالغانچىلىقى داۋاملاشماقتا» دەپ كۆرسەتتى.
يىغىندا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار فوندىنىڭ خىتايشۇناس تەتقىقاتچىسى مەتتوۋ روبېرتسون، ئۆزىنىڭ باشچىلىقىدا ئەنگلىيەدىكى ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان «خىتاي تەتقىقاتى مۇنبىرى» نىڭ 1-مارتتىكى خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان ئوغرىلىقى ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە دائىر پاكىتلار توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەردى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە «ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى خىتايدا 20 يىلدىن بۇيان داۋام قىلماقتا. نۆۋەتتە بولسا خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئېھتىياجى ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى نىشان قىلماقتا» دەپ كۆرسىتىلگەن. دوكلاتنىڭ ئاخىرقى خۇلاسە قىسمىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 3مىليونلىغان ئۇيغۇرلار سولانغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قان ۋە گېن ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقى، ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈلۈپ، تۇتقۇنلار ئۈستىدىن مەخسۇس سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن پاكىتلار خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى «ئىچكى ئەزالار بانكىسى سۈپىتى» دە قوللىنىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللار ئىكەن.
ماتېۋ پ. روبېرتسون يىغىندىكى دوكلاتىدا «شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، خىتاي دوختۇرخانىلىرىدا تېز سۈرئەتتە ئەزالارنىڭ ئىشلىتىلىشى، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىنى باھالاشقا ماس كېلىدىغان قان تەكشۈرۈش ۋە فىزىكىلىق سىناقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىلىنىۋاتقانلىقى بىلەن ئاسانلا ئايدىڭلىشىدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتايدا تاجسىمان ۋىرۇسى يامراۋاتقان ھازىرقى مەزگىل ئۇلاردىكى ئادەم ئەزالىرىغا بولغان ئېھتىياج ھەسسىلەپ ئاشقان بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا شۈبھىسىزكى تېخىمۇ كۆپ لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ بۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىنىپ كېتىشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن ئىكەن.
يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقۇچىلاردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋ، خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سۇس خۇگېس، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نادىن ماينزا قاتارلىقلار خىتايدىكى ئورگان، يەنى ئادەم ئىچكى ئەزالىرى سودىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ۋە خەلقئارادا جىددىي چارە-تەدبىر قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مۇھىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا يەنە فالۇنگۇڭ مۇرىتى ۋە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىنىڭ ھايات شاھىتى يۈ مىڭ خىتايدىكى ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى فالۇنگوڭچىلار، ئۇيغۇرلار ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈشنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋاتقان دوختۇرخانىلاردا مەخپىي ھالدا سىنغا ئالغان مۇھىم ئىسپاتلىق ۋىدىيولارنى يىغىن قاتناشقۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇنغا ۋاكالىتەن، ئۆزى شۇنداقلا بارلىق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي تولۇق بەدەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقى، ئۇلاردىن قان ئېلىنىدىغانلىقى، نامەلۇم ئوكۇل ۋە دورىلار قوللىنىلغانلىقى، شۇنداقلا ياش ۋە ساغلام تۈرمىداشلىرىنىڭ چاقىرىلغاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا غايىب بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىدەك ئەھۋاللار ھەققىدە بەرگەن ئىسپاتلىق بايانلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي قانۇن مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دونالد كلاركنىڭ مۇھاكىمىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نۇقتىسى بولسا: «خىتاي مەجبۇرىي ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەشكە قارشى سىياسەت تۇرغۇزۇشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، ئەمما بۇ رېئاللىق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، سىياسەت تەبىئىيلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەگەر خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈشكە دائىر بۇ پاكىتلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ بۇنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرمىگەندە، بىر ژۇرنالىست ياكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان بولىدۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت.
مۇھاكىمە مۇنبىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈلۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خەلقئارالىق بىرلەشمىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت دىرېكتورى كرستىنا ئولنىي مۇھاكىمىنى: «بىز بۈگۈن ئاۋام ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان سوئالنىڭ جاۋابىنى يۇقىرى ئاۋازدا ۋە ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدۇق: خىتايدا ئىچكى ئەزا يىغىش مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلدىمۇ؟ جاۋاب شۇنداق! ئېلىپ بېرىلدى» دەپ يەكۈنلىدى.
مەزكۇر مۇھاكىمىگە لوندوندىن كېلىپ قاتناشقان ئېتان گۇتمان «يېڭى جۇڭگونى يوقىتىش» ۋە «بوغۇزلاش» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇ ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مەخسۇس خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يۆتكەش جىنايەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئورگان سودىسى قۇربانى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپات توپلىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ توپلىغان ئىسپاتلىق ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيەلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مەن قازاقىستاندا زىيارەت قىلغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە ئۇلاردىن قان ئېلىنغان، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. ئۇلار لاگېردا تۇيۇقسىز چاقىرتىلىپ يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ياش قىزلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. مەن ئۇلارنىڭ چاقىرتىلىپ ئېلىپ كېتىلىشىدە بەلكىم باشقا سەۋەبلەر بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹ئۇلار چىرايلىقمىدى› دەپ سوراپ كۆردۈم. ئەمما ئۇلار ئېلىپ كېتىلگەنلەر كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئەمما ھەممىسى 25 ياشتىن 35 ياشقىچە ھەمدە بىر قەدەر ساغلام بولغانلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. دېمەك بۇلارنىڭ يېشى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئورگان يۆتكەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كاتېگورىيەدىكىلەردۇر».
ئۇ يەنە لاگېرلاردىكى ئىچكى ئەزا يۆتكەش قۇربانلىرىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار بولۇش ئېھتىماللىقنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قازاق شاھىتلاردىن يىغقان ئىستاتېستىكامدا، لاگېردا تۇيۇقسىز بىر ئاخشامدا چاقىرتىلىپ يوقاپ كېتىدىغانلار بىر قاماق ئۆيىدىن ھەر ئايدا 5، 10دىن توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار قازاق ئەمەس ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. ئىگە چىقىدىغان بىر دۆلەتنىڭ بولغانلىقى لاگېردا قازاقلارنى ئورگان يۆتكەشنىڭ قۇربانى بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قېلىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن.»
فالۇنگۇڭ مۇرىتى ۋە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىنىڭ ھايات شاھىتى يۈ مىڭ لاگېردىكى ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغىمۇ مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىدىكى تەييار ئولجا بولۇۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن ھەپتە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ئىككى ‹تەلەيلىك› بىمارنىڭ تۆت كۈن ساقلاپلا ئۆپكە ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ساقىيىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇنداق تېز ۋاقىتتا ماس كېلىدىغان ئىچكى ئەزا مەنبەسى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن. خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئورگان يۆتكەش ئارقىلىق ساقىيىپ كېتىمىز دەپ تېخىمۇ كۈپ ئۇيغۇرلارنى قۇربانلىق قىلىشى ئېنىق. ئۇلار يالغۇز بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ياكى خىتاي پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان رەزىل كۈچ بولماستىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، پۈتۈن دۇنيا بىرلىكتە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى جىددىي ھالدا توسۇشىمىز شەرت»
10-مارت كۈنى ئېچىلغان «خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىسپاتلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىگە قاتناشقان بارلىق تەتقىقاتچى مۇتەخەسسىسلەر يىغىن ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئورتاق ھالدا خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئورگان كۆچۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان دوختۇرخانا، ساقچى ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئورۇنلار، دوختۇرخانا ۋە كەسپىي خادىملار، بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئىنستىتۇتلارنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىلىك تۈرلىرىنى تەكشۈرۈش، ئامېرىكادىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىتايدىكى بارلىق ئالاقىلىشىش ۋە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى پۈتۈنلەي توختىتىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى.
0:00 / 0:00