نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

9-نويابىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ بېرگېن شەھىرىدىكى بېرگېن كۇتۇپخانىسىدا، ئۇيغۇريار فوندى، بېرگېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بېرگېن شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ تەشكىللىشىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلگەن.

norwegiye-bergen-paaliyet-04

بۇ پائالىيەتتە، نورۋېگىيەدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇريار فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان.

بۇ پائالىيەتكە بېرگېندە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن باشقا، ئاساسەن يەرلىك نورۋېگلار ۋە بېرگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە: «چەت ئەلدە بىز ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پەقەت ئۆزىمىز يىغلاپ، ئۆزىمىز ئاڭلاش ئەمەس بەلكى يەرلىك خەلقلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم» دەپ تەكىتلىدى.

پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى نورۋېگ تىلىدا پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا تەقدىم قىلىنغاندىن باشقا يەنە، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ خىتاي ساقچى بىلەن يۈزلىشىش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» فىلىمىمۇ قويۇلغان. بۇ، فىلىم ھەم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا بىر قېتىم جانلاندۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ، پۈتۈن قاتناشقۇچىلارغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن. پايتەخت ئوسلودىن بېرگېنگە كېلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدىكى ياش ناخشىچى يۈسۈپجان ئۇيغۇر مۇقامىدىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا. 2024-يىلى 9-نويابىر، بېرگېن، نورۋېگىيە.
شىۋېتسىيەدىكى ياش ناخشىچى يۈسۈپجان ئۇيغۇر مۇقامىدىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا. 2024-يىلى 9-نويابىر، بېرگېن، نورۋېگىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

شىۋېتسىيەدىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ياش ناخشىچى يۈسۈپجان بولسا، پائالىيەت جەريانىدا نورۋېگىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇقامىدىن ئارىيە ئورۇنلاپ بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» فىلىمى قۇيۇلغاندا بەزى قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا «پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارا شەھەرلەر تورى» نىڭ خادىمى سارا نەس (ئوڭدىن 2-كىشى) ۋە بېرگېن شەھەرلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ تاشقى ئالاقە دىرېكتورى مارگارېت رامۇسسەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن (ئوڭدىن 3-كىشى) .2024-يىلى 9-نويابىر، بېرگېن، نورۋېگىيە.
پائالىيەت ئاخىرىدا «پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارا شەھەرلەر تورى» نىڭ خادىمى سارا نەس (ئوڭدىن 2-كىشى) ۋە بېرگېن شەھەرلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ تاشقى ئالاقە دىرېكتورى مارگارېت رامۇسسەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن (ئوڭدىن 3-كىشى) .2024-يىلى 9-نويابىر، بېرگېن، نورۋېگىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

بېرگېندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە نورۋېگىيە «خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى»، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، خەلقئارالىق «رافتو» تەشكىلاتى، بېرگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە باشقا بىر قىسىم مەتبۇئات ھەم ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى قاتناشقان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم نورۋېگلار بۇ خىل پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك تەشكىللىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.