خىتاي دائىرىلىرى 1997-يىلىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن «مول نەتىجىلىرىنى» كۆككە كۆتۈرۈپ، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى» نى كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ۋە كەڭ ساھەلەرگە كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇيغۇر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى بۇنى ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈپ باشقۇرۇۋاتقانلىقى ۋە تالان-تاراج قىلىۋاتقانلىقنى ئىلگىرى سۈردى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىدە «9- ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ئۈرۈمچىدە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لىن ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن»، كۆرۈشۈشتە، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى خىزمىتى» نىڭ ما شىڭرۈي ئېيتقاندەك ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەپ (پايدا) ئالالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:
«مېنىڭچە، ھەقىقەتەن ئۇنداق ئەمەس. بۇ مىنىڭ سەمىمىي جاۋابىم. چۈنكى ھازىر يەنىلا رايوندا (ئۇيغۇر ئېلىدا) ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئىنسانلار قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدۇ. ئىنسانلار تۈرمىگە سولىنىشتىن قورقىدۇ. شۇڭا بۇ شارائىتتا، بايلىقلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئىقتىسادى جەھەتتىن تەقسىملىنىشى ھەققىدە سۆزلەش كۈلكىلىك. مېنىڭچە، بىز بۇ خىل بايانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا جىددىي مۇئامىلە قىلالمايمىز. مەن ئېيتقىنىمدەك، ھازىر خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى بايانلار بۇ رايوننىڭ ھازىر ئېكسپلاتاتسىيە ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ رايوندا ۋەھشىيلىك يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەنچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان ھەر قانداق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتقا قاتنىشىشىدىن نەپ (پايدا) ئېلىش ئېھتىماللىقى يوق».
خەۋەردە، ما شىڭرۈي «شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، جابدۇق ياساش، يۇقىرى تېخنىكىلىق خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇرۇلغان قەغەز زاۋۇتلىرى ۋە خىمىيە سانائىتى ئۈچۈن قۇرۇلغان زاۋۇتلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى بۇلغىدى» دېدى.
مەزكۇر خەۋەردە، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىنى ئاشۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ھېنرىك شاجىسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىق دېگەن سۆزنى رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە مۇقىملىق نامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىش بولسا ئۇيغۇر ئېلىنى ئىقتىسادىي مۇستەملىكە قىلىش دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇندا دېدى:
«خىتاي دائىرىلىرى مۇقىملىق دېگەن سۆز بىلەن نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر قىسىم ئىنتايىن ئادالەتسىز سىياسەتلەرنى دەلىللەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق دېگەن سۆزنى يېقىنقى بەش-ئالتە يىلدىكى رەھىمسىز سىياسەتلەرنى ئاقلاشقا ئىشلەتكەن. شۇڭا مۇقىملىقنى بۇ خىل سىياسەتلەرنى دەلىللەيدىغان سۆز سۈپىتىدە سۇيىئىستېمال قىلدى دېيىشكە بولىدۇ. بىز بىرئاز ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مېنىڭچە خىتاي ھازىر بۇ رايوننى كۈچ بىلەن تىنچلاندۇردى. ھازىر بۇ رايوننى ئىقتىسادىي ۋە نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېچىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى پەرقلىق ئۇسۇلدا سۇيىئىستېمال قىلماقتا. مۇقىملىق نامىدا رايونغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش بولسا رايوننى ئىقتىسادىي مۇستەملىكە قىلىشتىن ئىبارەت».
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە يەنە، لىن ۋۇ شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن: «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىمىزگە ئېلىپ، ياردەمنى مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
ئىلشات ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» ۋە باشقا پەرقلىق ناملار بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى پەردازلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ :«خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باھانىسى بىلەن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تالان-تاراج قىلىۋاتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ». دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ تۈردىكى سىياسەتلەرنى نۆۋەتتە ئوخشىمىغان نام ۋە شەكىللەردە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، خام ئەشيا مەنبەسى ۋە ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىدىكى سىياسەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھە ۋە تۈرلەرگە كېڭىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.