كۆزەتكۈچى ئاسىيە ئۇيغۇر: كۆمۈر كرىزىسى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق نامراتلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەبىئىي ئاقىۋىتى

0:00 / 0:00

قىش يېقىنلاشقاندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان كۆمۈر قىيىنچىلىقى ھەققىدىكى زارلىنىشلار، مەسىلىسىنىڭ كرىزىس دەرىجىسىگە يۈكسەلگەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە. بۇ كرىزىس ئۇيغۇر ئاھالىلەردىن باشقا، ئۇيغۇر رايونىدىن گۇاڭجۇ ۋە خوڭكوڭغا كۆمۈر توشۇيدىغان يۈك ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ قاخشاشلىىدىنمۇ مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم، كۆمۈر كرىزىسىنى بىر پىلانلىق ھالدىكى نامراتلاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

كۆمۈر كرىزىسى ھەققىدىكى زارلىنىشلار، ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئىزچىل ھالدا داۋام قىلماقتا. دائىرىلەرگە بىۋاسىتە خىتاب قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بەزى ئاھالىلەر، تەبىئەتكە-جۈملىدىن كېلىۋاتقان زىمىستان قىشقا خىتاب قىلىش ئارقىلىق ئاھالىلەر ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن كۆمۈر كرىزىسىنىڭ ۋەھىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم، كۆمۈر كرىزىسىنى بىر قانچە سەۋەبكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كرىزىسنىڭ كۆزگە دەرھال چېلىقىدىغان سەۋەبلىرىدىن بىرى، دىپلوماتىك مەسىلىلەر سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشىنىڭ توختىشى ۋە نەتىجىدە ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى جايلارغا كۆمۈر يۆتكەش دولقۇنىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۈكسىلىشى. ئاسىيە خانىمنىڭ بۇ پىكىرىنى، خىتاي شوپۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلىرىمۇ دەلىللەيدۇ. بۇ ئىنكاسلاردا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىن خوڭكوڭ ۋە گۇاڭدۇڭغا يۆتكىلىدىغان كۆمۈرنىڭ توننىسى 3000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن؛ نۆۋەتتە نەچچە مىڭلىغان يۈك ماشىنىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كانلىرىدا ھەپتىلەپ ئۆچىرەت كۈتۈۋاتقان ۋەزىيەتتە ئىكەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، سەۋەبلەردىن يەنە بىرى، خىتاينىڭ يېڭى يېزا بەرپا قىلىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇۋېتىشى ۋە ئاھالىلەرنى، بىنا ئۆيلەرگە يۆتكەپ، ئەنئەنىۋى ئىسسىنىش مېتودلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يىللىق كىرىمى چەكلىك بولغان ئۇيغۇرلار يىللىق ئىسسىقلىق چىقىمى 2500 يۈەندىن ئاشقان بىنا ئۆيلەردە ئىسسىقلىق چىقىمنى كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى يەر ئۆيلەردە كۆمۈر يېتىشمىگەندە ئىشىك-دېرىزىلەرنى كىگىز ۋە ئەدىياللار بىلەن قاپلاش ۋە مەشكە ئوتۇن قالاش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغان يەرلىك ئاھالىلەر، بۇ بىنا ئۆيلەردە، بۇ ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قالغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىلى قاتارلىق جايلارغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىزغا ئالاقىدار خادىملار، نۆۋەتتىكى كۆمۈر كرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى يەنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى نۆۋەتتىكى كۆمۈر كرىزىسىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك سەۋەبىدۇر. دېمەكچىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا كۆمۈرى يېتىشمەيۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئائىلىدە ئەرلەر يوقلۇقى ئىشارەتلىك ھالدا بايان قىلىنغان.

ئاسىيە خانىم، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋە قامال ۋەزىيىتىنىڭ كۆمۈر كرىزىسىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە كۆمۈر كرىزىسىنىڭ تۈپكى يىلتىزى، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى يولغا قويۇۋاتقان، پىلانلىق ھالدىكى نامراتلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدا نامرات قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى يۇرتىدىن بەزدۈرۈش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش كويىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان كۆمۈر كرىزىسى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزە ئاڭلاتتۇق.