مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدا «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى ئاۋسترالىيە خەلقى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

27-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر مائارىپى تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن جەۋھەر ئىلھامنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە ئەسلىمىلىرى تەسۋىرلەنگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا ئاۋسترالىيە خەلقى بىلەن ئۇچراشتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فىلىم 21-ۋە 22-ئىيۇل كۈنلىرى ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە قويۇلغاندىن كېيىن، 27-ئىيۇلدىن باشلاپ مېلبورن خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا كۆرسىتىلگەن. بۇ فىلىمىدا ئىككى ياشنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن ۋە ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە بەزى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقان تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە ZZZ رادىيوسىنىڭ خادىملىرى بىللە خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، مېلبورن، ئاۋسترالىيە.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقان تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە ZZZ رادىيوسىنىڭ خادىملىرى بىللە خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، مېلبورن، ئاۋسترالىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

مېلبورندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى فىلىم فېستىۋالىدا «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ بېلىتى ئالدىن سېتىلىپ بولغان بولۇپ، فىلىم قۇيۇلغان زالغا تاماشىبىنلار لىق تولغان. فىلىمنىڭ قويۇلۇشىغا ئاۋسترالىيەلىك ياشلار، سىياسەتچىلەر، ئاۋسترالىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى كونسۇللىرى قاتناشقان.

مېلبورندا «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن «ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، «ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم قىزلار جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشىدا «سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىدا ئوبراز يارىتىش» تېمىسىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقلار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، بۇ فىلىمىنىڭ قويۇلۇشى ۋە بۇ سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تېمىلار ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى بىلەن نادىرە يۈسۈپ خانىم ZZZ رادىيوسىدا. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، مېلبورن، ئاۋسترالىيە.
ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى بىلەن نادىرە يۈسۈپ خانىم ZZZ رادىيوسىدا. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، مېلبورن، ئاۋسترالىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

«شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ بۇ قېتىم ئاۋسترالىيەدىكى فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلۇشى ئۈچۈن «ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم قىزلار جەمئىيىتى» مۇ كۆپ كۈچ چىقارغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى رامىلە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ قويۇلۇشى ۋە بۇ فىلىمنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى بۇ فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە تەخمىنەن 70 مىڭ ئەتراپىدا تۈرك ياشايدىغان بولۇپ، تۈركلەر بۇ يەردە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە كۆچمەنلەر جامائىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدىن كېيىن ئاۋسترالىيەدىكى تۈركچە رادىيو ZZZ ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان. زىيارەتتە ئۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان.

مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدا «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن «سەنئەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى» دېگەن سۆھبەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، مېلبورن، ئاۋسترالىيە.
مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدا «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن «سەنئەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى» دېگەن سۆھبەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 27-ئىيۇل، مېلبورن، ئاۋسترالىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

«شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ قويۇلۇشىغا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ھەمدە ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ياشلارمۇ قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقان، شۇنداقلا بۇ ياشلارنىڭ پەۋقۇلئاددە قىزىقىشىنى قوزغىغان. بەزى ياشلار ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئابدۇۋەلى بىلەن ئورتاقلىشىپ، بۇندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاۋسترالىيەگە تونۇشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئاكتىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ فىلىمنى يەنە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا قۇيۇشمۇ پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.