2024-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈستىدىن مەلۇمات توپلاش ھەمدە خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 7 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان ئىدى. 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇلارنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن ئۇچۇق سوت ئېچىلغان بولۇپ، مەمەت ئېزىز سادىق دېگەن كىشىگە 12 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
ئىلگىرى تۇتۇلۇپ كېيىن ئەدلىيە نازارىتى شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ئابدۇللاھ ناسىر، ئىلياس قارى، نۇرئەخمەت ئۆمەرئوغلۇ، ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى، سەمەت ئەسلىتۈرك ۋە ھاشىم سابىتئوغلۇ قاتارلىق 6 كىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستانبۇل 25-ئېغىر جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا، ئادۋۇكاتلىرى ئارقىلىق ئەيىبنامىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارنامىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سوتچىلار ئۇلار ھەققىدە تەييارلىغان ئەيىبنامەلىرىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، يۇقىرىقى 6 كىشىنى جازاغا تارتقۇدەك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇلارنى «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىش قارارى چىقارغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارنامىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەمەت ئېزىز سادىقنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان مەلۇماتلارنى سىياسىي ۋە ھەربىي جاسۇسلۇق مەقسىتى بىلەن تەمىنلەشتەك جىنايى قىلمىشلىرى ئىسپاتلانغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش شەكلى، جەريانى، قەستەنلىكى، كەلتۈرگەن خەتىرىنىڭ ئېغىرلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، قانۇن بويىچە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سوت قارارنامىسىدە يەنە جىنايەتچىنىڭ سوتتىكى ئىپادىسى ۋە مۇئامىلىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازانىڭ ئۇنىڭ كەلگۈسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇلۇپ، جازا مۇددىتى 12 يىل 6 ئايغا چۈشۈرۈلگەنلىكى يېزىلغان.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارنامىسىدە دېيىلىشىچە، «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئالتە كىشى گەرچە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە تەۋە ئۇچۇرلارنى سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق مەقسىتىدە خىتايغا تەمىنلەش جىنايىتى بويىچە ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، بىراق تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر كىشىلەرگە قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەققىدىكى گۇمانلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىيالمىغان. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن، ئۇلار «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا مەزكۇر شەخسلەر ھەققىدە يولغا قويۇلغان ئەدلىيە نازارىتى تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا سوتتا ئاقلىنىپ چىققان 6 كىشىنىڭ ئادۋوكاتقا سەرپ قىلغان چىقىملىرى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە دۆلەت خەزىنىسىدىن 48 مىڭ تۈرك لىراسى قايتۇرۇپ بېرىش ھۆكۈم قىلىنغان.
سوت ھۆكمىنىڭ ئاخىرىدا، ئاقلىنىپ چىققۇچىلارنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقىتلىرى ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 141-ماددىسى بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىز، جاسۇسلۇق بىلەن ئەيبلىنىپ 12 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەمەت ئېزىز سادىق توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوغلىنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ پەقەتلا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشمايۋاتقانلىقىنى، دادىسىنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنداقلا باشقا دەيدىغان گېپىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى ئۈزدى.
بىز بۇ سوت جەرىيانى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، سوتتا ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى ئۆزىنىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇتۇلغانلىقىنى، 7 ئاي تۈرمىدە يېتىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى، ئۆتكەن قېتىمقى سوتتا ئەدلىيە نازارىتى ئاستىدا تۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سوتتا مەمەت ئېزىز سادىقتىن باشقا ئالتە كىشىگە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «جىنايىتى يوق» دەپ قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى سۆزىدە يەنە، مەمەت ئېزىز سادىققا سوت مەھكىمىسى 12 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە تارتىۋالغان پۇللىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى ئۆزى توغرىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سۆز-چۆچەكلەرگە نارازى بولغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ تۈپ مەنبەسىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ سۆز-چۆچەك تارقاتقان كىشىلەردىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەر توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ ئادالەتلىك قانۇنى ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى كۆرسەتكەن بولدى».
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئالدى بىلەن بۇ ۋەقەنىڭ سەلبىي تەسىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، بۇ ۋەقەنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازىنى مەلۇم دەرىجىدە زىدىلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەرنىڭ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە، تۈركىيەدەك بىر دۆلەتتە بىرەر ئۇيغۇر تەشكىلاتى رەسمىي ھالدا قۇرۇلسا، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى؛ ناۋادا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەخپىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھامان سوتقا تارتىلىپ جازالىنىدىغانلىقى؛ شۇڭا بۇ ۋەقەدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاق ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.