خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشمىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە ۋەدە بەرگەن

0:00 / 0:00

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي 7 يىلدىن بېرى سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدە 30-دېكابىر كۇنى ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركەل ياۋروپا كومىسسيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېئېر لېيېن قاتارلىقلار بىلەن 30-دېكابىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن ئورتاق تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كېلىشىم ئېلان قىلدى. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ 29-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاش ئۈچۈن «داۋاملىق ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىق كورسىتىش» كە ماقۇل بولغان.

ياۋروپا كومىسسىيەسى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن كېلىشىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، كېلىشىمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بىكار قىلىشقا ئائىت ئېنىق بىر مېخانىزىم يوق بولۇپ، ئۇلار كېلىشىم ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ھاننو شەدلېر 30-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىشنى كېلىشىمگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ھاننو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئەندىشىمىز بۇ كېلىشىمدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىغان. بىز بۇ كېلىشىم ياۋروپا پارلامېنتىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ياۋروپا كومىسسىيەسىگە بېسىم ئىشلىتىشى، كېلىشىمگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى كېلىشىمگە كىرگۈزۈشى كېرەك.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېلىشىمدە خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

ھاننو شەدلەر خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىشىغا كونكىرېت ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «بىزنىڭ مەيدانىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئىنتايىن كۈچلۈك. ‹بىز مەجبۇرى ئەمگەكنى بىكار قىلىشقا تىرىشىمىز› دېگىنى كەلگۈسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بولمايدۇ، دېگەنلىك. بىزگە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى دەرھال توختىتىشنىڭ ۋاقىت قەرەلىنى بېكىتىشى كېرەك. مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2022-يىلى يانۋارغا قەدەر خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىنى بايقىسا، ئۇنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېيتىلىشى لازىم. شۇڭا بۇ كېلىشىم بىزنىڭ نەزەرىمىزدە يېتەرلىك ئەمەس،» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىدا خىتاينىڭ لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى خىتاي كارخانىلىرىدا، پاختىزارلىق، يېزا-ئىگىلىك مەيدانلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى چوڭ توسالغۇغا ئايلانغان. ياۋروپا پارلامېنتى ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسل قىلىشنىڭ ھارپىسىدا قارار ماقۇللاپ، كېلىشىمنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. فرانسىيە ئەگەر خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشنى توسۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى گۇمانلىق ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پروگرامما دېرىكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن 30-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ قارارى ئوزلىرىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇمرەتئاي ئەركىن مۇنداق دەيدۇ: «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ بىزنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇردى. چۈنكى ئىككى ھەپتە ئاۋۋال جىددىي قارار ماقۇللاپ تۇرۇپ يەنە ‹بۇ كېلىشىمگە قول قويىمىز› دەپ خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. بۇ بىزگە ‹ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقىدىن سودا كېلىشىمى تېخىمۇ مۇھىم› دېگەن بىر سىگنالنى بەردى.»

زۇمرەتئاي ئەركىننڭ ئېيتىشىچە، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ «بىز مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەيمىز» دەپ ۋەدە بېرىشى زىددىيەتلىك ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدا خىتاينىڭ ۋەدىسىنى ئىجرا قىلدۇرۇش مېخانىزىمى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. زۇمرەتئاي ئەركىن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ۋەدىسىگە ئەمدى ئىشەنمەيمىز. چۈنكى خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەھدىنامىنى تەستىقلايمىز، دېگىنى بىلەن بۇلار ھازىرغا قەدەر ‹مەجبۇرى ئەمگەك يوق› دەپ كېلىۋاتقان دولەت. بۇنى چىقىپ ‹بىز تەستىقلايمىز› دېسە بىر خىل زىددىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ ۋەدىنى بەرگەن بىلەن ئۇنى ئىجرا قىلدۇرۇش مېخانىزىمى ئېنىق ئەمەس. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى بىزگىمۇ مەلۇم ئەمەس.»

ياۋروپادا خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلار يالغۇز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەمەس. فرانسىيەلىك بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىدە بەك ئالدىراقسانلىق قىلغان. فرانسىيەدىكى ئاتاقلىق خىتايشۇناس مارىيە خولىزمەن خانىم 30-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارىيە خولىزمەن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتلەشمىگەنلىكىدىن بەك ئەپسۇسلىنىمەن. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا بۇ توغرىسىدا سۆزلەشكەن بولسا تېخىمۇ ئاقىلانىلىق بولاتتى. بۇ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى ئازايتتى. بۇنداق كېلىشىملەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالاشقا قارىغاندا دېموكراتتىك دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالاش بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە پايدىلىق. شۇڭا بۇنىڭغا ھەيران قالدىم. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا ئالدىراقسانلىق قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇنداق كېلىشىم ئىمزالىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. مارىيە خولىزمەن، خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىغاندا تەدبىرلىك بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقى مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى. ئەگەر سىز خىتاي بىلەن بۇنداق كېلىشىم ئىمزالىسىڭىز، سىز چوقۇم گېزى كەلسە كېلىشىمنى بىكار قىلالايدىغان ياكى خىتاينى تەكشۈرەلەيدىغان بىر سىستېما قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك،» دېدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارانىڭ بۇ لاگېرلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى رەسمى ئىمزالانسا، بۇ كېلىشىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىلىدۇ. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ھاننو شەدلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم ياۋروپا پارلامېنتىغا سۇنۇلغاندا، ئۇلارنىڭ كېلىشىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دىدى: «مەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كېلىشىمدە نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىنى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشىنى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەسكىن بولۇشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە پارلامېنتىنىڭ ياۋروپا ئۆلچەملىرىنى قوغداش، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ كەسكىن بولۇشىنى كۈتىمىز. چۈنكى خىتاينىڭ ئوز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن مىساللار بار.»

بىراق ياۋروپا كومىسسىيەسى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتايدا ياۋروپا مەبلىغىغە ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ياروپا كمومىسسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېئېر لىئېن 30-دېكابىر تىۋىتتېرغا كېلىشىم ھەققىدە ئۇچۇر يوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «تىجارەتكە ئوچۇق، ئەمما ماس قەدەملىك، ئادىل رىقابەت ۋە قىممەت قارىشىغا باغلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.