ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى نېلسون ماندېلا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نېلسون ماندېلا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى. سىنانۋرېن فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر كۇرس 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، كۇرسقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 دۆلەتتىن ياشلار ئىشتىراك قىلغان. كۇرس توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كۇرسنى چاقىرغان سىنانۋرېن فوندىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە پېشقەدەم پائالىيەتچى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سىنانۋرېن فوندى ۋە مەزكۇر فوندىنىڭ نېلسون ماندېلا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى كۇرسقا 18 دۆلەتتىن كۆپ ساندا ياش پائالىيەتچىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى 26-دېكابىر كۈنىدىن 30-دېكابىر كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نېلسون ماندېلا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيەش كۇرسىدا ئۆگىتىلگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ خىل كۇرسلاردا ئۆگىتىلگەن نەزىرىيەلەرنى ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالدى.

2016-يىللىق نېلسون ماندېلا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسى ۋاراقچىسى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بۇنداق كۇرسلارغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئىلھام توختىنىڭ قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى بۇ خىل كۇرسلارغا قاتنىشىشنىڭ دەۋانى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىناۋرېن فوندى 2011-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پروگراممىسى ئىكەن.