ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب ئېلىشنى كۈتمەكتە

0:00 / 0:00

بۈگۈن، يەنى 31-دېكابىر لاگېر قۇربانلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ 10-كۈنىدۇر.

ئائىلە ئەزالىرى خىتاي تۈرمىلىرىگە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئائىلىلىرى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

لاگېر قۇربانلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى پائالىيىتى تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، تونۇلغان ژۇرنالىستلار، دىنى رەھبەرلەر ۋە سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب ئېلىشنى كۈتمەكتە. 2020-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.

مەزكۇر پائالىيەت تۈركىيە ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى بۇ نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ تۈرك خەلقى ۋە ئاخباراتىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى:

«يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن 10 كۈننىڭ ياقى يۇرتلىرىدىكى تۇتقۇن قىلىغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئىزاھات تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. تۈرك خەلقى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بۇ خىل پائالىيەتنى كۆلەملەشتۈرسە، خىتايغا كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىققا يات ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىۋاتىدۇ. ئەمدى ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولمايدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ خىتايغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى خىتاي چۈشىنىشكە مەجبۇر.»

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇراخمان مۇھەممەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزلىرىگە جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز خىتاي پاسپورتىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىماسىمىزنى بېرىشنى كۈتۈۋاتىمىز. خىتاينىڭ بىزگە جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بىز خىتاي بىزگە جاۋاب بەرگەنگە قەدەر پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئائىلە ئەزالىرى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلار 18-دېكابىردىن ئېتىبارەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئىلتىماسلىرىنى رەسمىي يوسۇندا تاپشۇرۇۋالغانغا ۋە ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەنگە قەدەر ھەر كۈنى كونسۇلخانا ئالدىدا يىغىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب كۈتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 10 كۈندىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى بۇ پائالىيەت تېخىمۇ كۈچلىنىپ داۋام قىلماقتا.