ئىلىنىڭ چاپچال ناھىيەسىدىكى لاگېردا 1 يىل 8 ئاي تۇرۇش جەريانىدا، سالامەتلىكى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن باختئەلى نۇر، يېرىم جان ھالدا بۇ يىل-8 ئايدا بىر قىزى بىلەن قازاقستانغا كەلگەن، 3 ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ چاپچالدا قالغان ئايالى گۇلنار ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئامان-ئىسەن قازاقىستاندا جەم بولغان. 30-دېكابىر ئالمۇتىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇلار يەنە ئەڭ ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز قازاق بولۇپ قالغىنىمىز ئۈچۈن خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىقالىدۇق، ئۇيغۇرلارغا مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ. تەپسىلاتىنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، غۇلجىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان بۇ ئىككى قازاق شاھىت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىن ئاڭلايلى.
50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان باختئەلى نۇر 3 بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇ ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان. ئۇ ئەسلى دېھقان بولۇپ، 2015-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن كۆكتات ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قازاقىستانغا توپ ئۆتكۈزۈپ چېگرا سودىسىنى باشلىغان، ئەمما ئۇ، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قورغاس چېگراسىدا ئىككى كۈنلۈك سودىسىنى تۈگىتىپ قايتقىنىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر كۈن كېچە كۈندۈز قاتتىق سوراق قىلىنغاندىن كېيىن چاپچالدىكى تەربىيەلەپئۆزگەرتىش مەركىزى دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان لاگېرغا قوللىرى كىشەنلىك ھالدا ئېلىپ كېلىنگەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ لاگېرغا كىرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ جاينىڭ ئىلگىرىكى چاپچال ناھىيە كونا 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكىنى تونۇغان. باختئەلى نۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە قارىغاندا، بۇ 3-ئوتتۇرا مەكتەپ لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدىدا يەنى، 2015-يىلى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى قىلىنغان بولۇپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ 7-8مېتىرلىق ئېگىز تاملار قوپۇرۇلۇپ، كامېرالار بېكىتىلىپ ئەتراپىنى قوراللىق ئەسكەرلەر چارلايدىغان بىر تۈرمە شەكلىگە كەلگەنىكەن. بۇ لاگېردا 10 بىنا بار بولۇپ، ھەر بىرسى ئالتە قەۋەتلىك بىنالار ئىكەن. باختئەلى 1-نومۇرلۇق بىنانىڭ 6-قەۋىتىدىكى 11-كامېرغا سولانغان بولۇپ، ئۇ بۇ قەۋەتنىڭ ئۆزىدىلا 160 كىشى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئۆزىگە ئوخشاش گۇناھسىز ئۇيغۇر، قازاق، ۋە تۇڭگانلار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە سولانغانلىقىنى ئېيتتى.
11-نومۇرلۇق كامېرغا قامالغان كۈندىن باشلاپ كۈندە 18 سائەت قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش، 4 سائەتلا ئۇخلاش، ئاچ قويۇلۇش، مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرى دېگەندەك روھىي ۋە جىسمانىي قىيناشلارغا 8 ئاي بەرداشلىق بېرەلىگەن باختئەلى، سالامەتلىكى پۈتۈنلەي كاردىن چىققاندىن كېيىن 2018-يىلى، 6-ئايدا دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاتالمىش دوختۇرخانا ئەسلىدىكى ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بولۇپ، ئوخشاشلا ئېگىز تاملار بىلەن قورشىلىپ ۋە كامېرا ئورنىتىلىپ، ئۆزگەرتىلگەن مەخسۇس كېسەل تۇتقۇنلارنى سولايدسىغان «كېسەللەر لاگېرى» ئىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ لاگېرغا ساق-سالامەت كىرىپ ماڭالماس، يېرىم جان ھالغا كېلىشىدە چوقۇم ئۆزىگە لاگېردا «زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىمىز» دەپ ئىككى نۆۋەت ئۇرۇلغان نامەلۇم ئوكۇلنىڭمۇ تەسىرى بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باختئەلى نۇر دوختۇرخانىدىمۇ ياخشى بولالمىغان، ئۆپكە، بۆرەك ۋە باشقا ئىچكى ئەزالىرىدىمۇ ئوخشىمىغان كېسەللىك كۆرۈلۈپ تېنى ئېغىر ئاجىزلاشقاندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنى 2018-يىلى، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئائىلىسىگە قويۇپ بەرگەن. سالامەتلىكىدىن، خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان باختئەلى، ھۆكۈمەتتىن ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى قېرنداشلىرىنىڭ يېنىغا كېتىشنى، بېرىپ يۈتتۈرگەن پۇللىرىنى تېپىپ كېلىپ ئائىلىسىنى قامداشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان، دائىرىلەر ئاخىرى ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ، ئۇنىڭ چوڭ قىزىنى ئېلىپ قازاقىستانغا چىقىپ پات ئارىدا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغانىكەن.
دائىرىلەر باختئەلىنىڭ ئايالى گۇلنارنى، ئۇنىڭ ئېرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن غۇلجىدىكى ئۆيىدىن بالىلىرى بىلەن چاپچال ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇنىمۇ ئېرى قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر، مەھەللە كۆمىتېتىدا كۈندە 10 سائەت ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە خىتاي كادىر ئورۇنلاشتۇرغان.
گۇلنار ئۆزىنىڭ، ئېرى ۋە بالىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىز-چوكانلار بىلەن بىللە ئۆگىنىشكە قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، روھىي قاتارلىق ھەر جەھەتتىن كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا بەرداشلىق بەرگۈدەك كۈچى قالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دئىرىلىرى ئۆگىنىشلەردە ئاشكارا ھالدا ئۇلارغا: «بۇ ئۆگىنىش مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، تاكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈز پىرسەنت خىتايچە سۆزلەپ، سىياسەتلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، پۈتۈنلەي پارتىيە ھۆكۈمەتكە ماسلاشقىدەك ئۆزگەرگەنگە قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى» نى تەكرارلايدىكەن.
گۇلنار ئېرىنىڭ قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىنمۇ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماقتا يوق، تېخىمۇ ئېغىرلاپ ھەتتا دوختۇرخانىدا قان قۇسقانلىقىدەك ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، چىداپ تۇرالمىغان. ئۇ بالىلىرىنى ئېلىپ توختىماي ئەرز قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى 11-ئايدا قازاقىستانغا كېلىۋالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەر-ئايال قازاق شاھىتلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ۋەھشىي زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىدا ئۆزلىرىنىڭ قازاق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزگە پاناھلىنىدىغان قازاقسىتان بولغىنى ئۈچۈن، بىز قازاق بولۇپ قالغىنىمىز ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ رەھىمسىز زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىدۇق، ئەمما ئەڭ ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر قېرنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بىز ھېچ بولمىسا ئۇلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز» دېدى.
باختئەلى ۋە گۇلنارنىڭ غۇلجىدا ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدىكى شاھىتلىقىنى كېلەركى سۆھبىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.