ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 20-يانۋاردىن 22-يانۋار كۈنىگىچە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىسلام مەركەزلىرىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش» پائالىيىتىنىڭ تۇنجى سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.
كالىفورنىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كالىفورنىيەدىكى ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرى مېھرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلار ئۆزلىرى لاگېردا بىۋاسىتە باشلىرىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلاتقان. ئۇلارنىڭ كالفورنىيەدىكى تۇنجى كۈنلۈك پائالىيىتى بېركلىيدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلار لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. كۈتۈلمىگەن بىرەر ۋەقەنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە سىرتتىن نامەلۇم بىرسىنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن. پائالىيەتكە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرلەشمە پروگراممىلىرىغا ئەزا بولغانلار ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇ پائالىيەتلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاڭلاتقان ۋە شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرىغا تەرجىمانلىق قىلغان. يەنى، تۆت ئۇيغۇر ئايال بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان. ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئەلفىدار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، پائالىيەتتىن كېيىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئايرىم كېلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەتتىن كېيىن كالىفورنىيەنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىگە جايلاشقان تۆت ئىسلام مەركىزى لاگېر شاھىتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەركەزلىرىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، زۇمرەت داۋۇت خانىم ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىملار ئايرىم-ئايرىم ھالدا رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە ۋە مىللىتىگە قىلغان زۇلۇملىرىنى داۋاملىق دۇنياغا ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى قادىرجان ئىلغار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام مەركەزلىرى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئاڭلاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمان لىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلغان. ئۇلار لاگېر شاھىتلىرىنى ئۆز مەركەزلىرىگە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشىغا تۈرتكە بولغان.

لاگېر شاھىتلىرىنى تەكلىپ قىلغان ئىسلام مەركەزلەرنىڭ ئېچىدىكى غەربىي ۋادى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى (West Valley Muslim Association) نىڭ ئەزاسى مۇھەممەد سۇبىھ ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى جەمئىيىتىمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى كۈتۈۋالدۇق. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېچىنىشلىق زۇلۇمدىن خەۋەردار بولدۇق. ئەمەلىيەتتە جەمئىيىتىمىز نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىمىز بار ئىدى. لېكىن بۇنى تۇنجى قېتىم ئاشۇ زۇلۇمنى بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەردىن ئاڭلىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە پائالىيەتكە قاتناشقان جامائەتنىڭ ئىچىدە يىغلىمىغىنى يوق. ئۇلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز پۇچۇلدى. مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىم خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر بالىسىنىڭ جەسىتىنى قولىغا بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ سوغۇق جەسىتىنى ئىسسىتىپ تىرىلىپ قىلىشىنى تىلىگەنلىكىنى ئېيتقان ۋاقتىدا بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنى پەقەت تۇتالمىدىم. بۇ بەك رەھىمسىزلىك. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر ئېغىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىز بىر بەدەننىڭ پارچىلىرى. بىر پۈتۈن بەدەننىڭ بىر يېرى ئاغرىسا پۈتۈن بەدەن سىرقىرايدۇ. شۇڭا، بىز بۇ ئادالەتسىزلىكنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ھەر قانداق شەكىلدىكى ئەمەلىي ياردەمنى قىلىشقا تەييار. كېيىنچە يەنە رايونىمىزدىكى ۋە ئامېرىكانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
ئەلفىدار خانىم ۋە لاگېر شاھىتلىرى ئاخىرىدا كالىفورنىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ بېىشىغا كەلگەن ۋە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان پاجىئەنى ئاڭلىتىش سەپىرىنى «ئۈنۈملۈك بولدى» دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇلار يەنە ئالاھىدە قىلىپ كالىفورنىيەدە ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان ئۇيغۇر جامائىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.