يەركەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى 3 كەنتتە قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

يەكەن ناھىيسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا 28 - ئىيۇل كۈنى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىسياننى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا كۆپ ساندا كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلار 5 كۈندىن بېرى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا تارقىلىق يۈرمەكتە. تۈنۈگۈن رادىئومىزغا كەلگەن بىر نامسىز خەتتە بايان قىلىنىشىچە، ئېلىشقۇنىڭ 14 - ، 15 - ۋە 16 - كەنتلىرىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قىرىۋېتىلگەن. تۈنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يوللانغان بىر نامسىز مۇراجىئەتنامىدىمۇ، مەزكۇر 3 كەنتتە قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنىپ، خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم سورالغان.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. ئاھالىلەردىن بىرى، ئېلىشقۇدا 5 كۈندىن بېرى ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختىماي قاتناپ تۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن 3 - كەنتتىكى كىشىلەردىن 28 - ۋە 29 - ئىيۇل كۈنلىرى مەزكۇر كەنتلەردە كوچىغا چىققان كىشىلەرنىڭ قارا - قويۇق ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى. يېزىدىكى ئاھالىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ تېلېفوندا باغلىنىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىمۇ، ئېلىشقۇدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.