يەكەن يېڭىئۆستەڭ ۋەقەسىدىكى گۇماندارلارنىڭ مۆكۈنۈش ۋە قورشۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇماتلار

0:00 / 0:00

يەكەندىن ۋەزىيەتنى يېقىندىن بىلىدىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، 26-سېنتەبىر كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ئودانلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ سانى 20 نەپەر بولۇپ، بۇلار 1-ئۆكتەبىر كۈنى يەكەندە بىرقانچە ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تەڭلا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان.

بۇ پىلان ئودانلىقنىڭ خانكۆۋرۈك كەنتىدىكى ۋەقەدە پىدائىيلاردىن 5 نەپىرى ئېتىلىپ 2 نەپىرى تۇتۇلغاندىن كېيىن پاش بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ئەسەبىيلىشىپ، قالغان 13 نەپەر گۇماندارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئودانلىقتىن باشقا يەنە، يېڭىئۆستەڭ ۋە تومئۆستەڭ يېزىلىرىدا بولۇپ جەمئىي 5 مەيدان قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا، 20 نەپەر گۇمانداردىن 11 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن 4 نەپىرى ئەسىر ئېلىنغان. بۇ ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نۆۋەتتە قالغان 5 نەپەر گۇماندارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا، خىتاينى ئالاقزادە قىلغان بۇ 20 نەپەر گۇمانداردىن جۈمە كۈنى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا قورشاۋغا ئېلىنغان 5 نەپىرىنىڭ مۆكۈنۈش ۋە قورشۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

مۇخبىر: سىز يېڭىئۆستەڭ يېزا بىرىنچى كەنتنىڭ پارتكوم سېكرېتارى مەنسۇر تۇردىمۇ؟
خادىم: شۇنداق مەن شۇ.

مۇخبىر: سىز يېزىلىق پارتكوم ئاچقان بۇ قېتىمقى ۋەقە ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشتىڭىزمۇ؟
خادىم: شۇنداق، قاتناشتىم.

مۇخبىر: يىغىندا ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى قانداق چۈشەندۈرۈلدى؟
خادىم: يېزا باشلىقى ۋەقەنى باشتىن ئاخىر قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 5 كىشى كېۋەز تېرىش باھانىسىدە يېزىمىزدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. ئۇلار كەنتىمىزدىكى (1-كەنتتىكى) تۇرسۇن مەنسۇرنىڭ ئۆيىدە يېتىپ-قوپۇپ، كېۋەزلىكتە ئىشلەپ يۈرگەن. ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى يەنى، 10-ئۆكتەبىر كۈنى تۇرسۇن مەنسۇر ئوغلى مەمتىمىن تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ ئېغىر يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. تۇرسۇن مەنسۇر دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ ئۆيىدە ئەر كىشى قالمىغاچقا، ئۇ يەردە مۆكۈنۈۋاتقانلار ئۇ ئۆيدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار تۇرسۇن مەنسۇرنىڭ ئۆيىدىن 2-كەنتتىكى ئۇنىڭ ئىنىسى رازىق مەنسۇرنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلگەن ۋە رازىق مەنسۇرنىڭ ئۆيىگە كۆچكەندىن كېيىن بايقىلىپ ساقچىلار قورشاۋغا ئالغان.

مۇخبىر: ئۇلارنىڭ بايقىلىشى قانداق بولغان.
خادىم: ساقچىلار قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققان تۇرسۇن مەنسۇرنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنىڭ (گۇماندارلارنىڭ) ئىككىنچى كەنتتە تۇرۇۋاتقان ئۆيىنى تاپقان. قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ خادىملىرى ئۇ ئۆينى يېرىم كېچىدە ئۇزاقتىن قورشاۋغا ئېلىپ 2-3 سائەتچە كۆزەتكەن. سەھەر سائەت 3 مەزگىلىدە ئۆينى يېقىندىن قورشاۋغا ئالغان. ئۇلار (گۇماندارلار) ئۈستى ئوچۇق بىر ئۆيدە مەللە سېلىپ يېتىۋاتقان ئىكەن. ساقچىلار كەلگەندە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەردىن 3 ئى ئېتىلىپتۇ، ئىككىسى تۇتۇلۇپتۇ.

مۇخبىر: مۇشۇلار يېزا باشلىقىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپلەرمۇ؟
خادىم: شۇنداق. يېزا باشلىقى مۇشۇ گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن بىزنى ياشلارغا تەربىيە بېرىشىمىزنى، يامان يوللاردىن توسۇشىمىزنى ئېيتتى. بىزمۇ تەلىم-تەربىيە بىلەن تەڭ ئۆي تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

پروگراممىمىزنىڭ كىرىش سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، ياركەنتتىن ۋەقەلەردە يەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى ۋەقەگە ئارىلاشتۇرۇلمىغان. ئۇلار پەقەت گۇماندارلار جايلاشقان ئۆي ۋە قورۇنى كۆرسىتىپ بېرىشكىلا مەسئۇل بولغان. خىتاينىڭ ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى ۋەقەگە بىۋاسىتە قول تىققان. يەنە شۇ ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، يەكەندە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان بۇ پىدائىيلار، جەمئىي 100 دانە بومبا ياساشنى پىلانلىغان ۋە 89 ئى ياسىلىپ بولغان 1 ۋە ئۆكتەبىرگە 5 كۈن قالغاندا ھەرىكىتى پاش بولۇپ قالغان. ياسالغان بومبىنىڭ تۈرى ۋە كۈچى ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن بۇ ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچىلار بۇ بومبىلاردىن ھازىرغىچە 62 دانىسىنى قولغا چۈشۈرگەن، قالغان 27 سىنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە. بۇ ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ يېڭىئۆستەڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پىدائىيلارنىڭ پىلانى ۋە ياسىغانلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار تېخى ئىسپاتلاندى.