خىتاي تېلېۋىزيەسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان كۆرۈنۈش، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان خەۋىرىدە خىتاي زۇلۇمىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغانلىقى تەكىتلەندى.
تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 9-ئىيۇل كۈنى ئاقشام ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە، تۈركىيەنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلىگەندەكلا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. دەل شۇ سائەتلەردە تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 109 ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا قارا تاغار كېيدۈرۈپ، ئىككى تەرىپىدە خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ ئېلىپ ماڭغانلىقى كۆرۈنۈشى تارقىتىلدى. ئاز ساندىكى ئاخبارات ئورگانلىرى خىتايدا زۇلۇم بارمۇ-يوقمۇ؟ دەپ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى تارقىتىۋاتقان بۇنداق بىر كۈندە بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ تارقىتىلىشى، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتتىق دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.
مەزكۇر خەۋەرنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت خابەر قانىلى «خىتاينىڭ تەن جازاسى سەپەر ئۈستىدە باشلاندى» ماۋزۇسى بىلەن تارقاتتى. خەۋەردە خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ، تايلاندقا كەلگەن 109 ئۇيغۇر بېشىغا تاغار كېيدۈرۈلگەن، قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا خىتايغا ئېلىپ كېتىلدى دېيىلگەن. يەنە تۈرك گېزىتلىرىدە «تايلاند خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىدى، خىتاي 109 ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا تاغار كېيدۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى، خىتاي ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىنى يەنە بىر قېتىم ئاياق ئاستى قىلدى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار قاتىل خىتاينىڭ قولىدا، خىتاينىڭ زۇلۇمى يەنە بىر قېتىم خەلقئارادا ئىسپاتلاندى» دېگەندەك ماۋزۇلار بىلەن ئورۇن ئالدى.
خىتاينىڭ 109 ئۇيغۇرنى تېخى سوتلىماستىن تېررورچى دەپ ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ كۆرۈنۈش دۇنياغا شۇنداقلا تۈرك جامائەتچىلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ خىتاي بۇنداق قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا نېمە دېمەكچى؟
بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، خىتاينىڭ 109 ئۇيغۇرنى بېشىغا قارا تاغار كېيدۈرۈپ، قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سېلىپ ئېلىپ مېڭىشىنى گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن لاگىرلارغا ئېلىپ مېڭىشىغا ئوخشاتتى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ۋىجدان ئەھلى ئىنسانلارنى قاتتىق رەنجىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ ئۇلارنى تېخى سوتلىماي تۇرۇپلا تېررورچى دەپ ئېلان قىلىشىدىن، بۇلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دەل بۇ كۈنلەردە تايلاند تۈرمىلىرىدە بىر يىلدىن بۇيان قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن يەنە سەككىزەيلەن تۈركىيەگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى.