شىۋېتىسىيە پايتەختى سىتوكخولىمدىكى تايلاند ئەلچىخانسى ئالدىدا، تايلاند تۇرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 300نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىشقا رىياسەتچلىك قىلغان ئويۇشمىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد، نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە نامايىش قاتناشقۇچىلىرىغا سۆز قىلدى. مۇئاۋىن رەئىس نىجات تۇرغۇن شىۋېت تىلىدا تايلاند ئەلچىخانا خادىملىرىغا نامايىش مەقسىتىنى بايان قىلدى.
نامايىش جەريانىدا تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىپ يېزىلغان خەت، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن تەرىپىدىن تايلاند ئەلچخانىىسىغا يوللاندى.
نامايىشقا سىتوكخولىم ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 13:30دە باشلىنىپ 14:30دا غەلىبىلىك ئاياقلاشتى.
بىز نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق.
0:00 / 0:00