ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شۆبە باشلىقلىرى يىغىنىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، يىغىندىكى كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى 8 شۆبە باشلىقى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنى قوللىغۇچى بىر قىسىم كاپىتالىستلار بىلەن ئۇچراشتى. يىغىندا ئاساسلىق سۆز قىلغۇچى رابىيە خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، يىغىن قاتانشقۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. يىغىننىڭ بىر سائەتچە داۋام قىلغان سوئال-جاۋاب قىسمىدا، رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت مەسىلىسى ۋە يېڭى دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىر خانىمنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئورۇنلاردىن بىرى. مەزكۇر تەشكىلات رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى تۈرمىگە تاشلانغاندىمۇ ۋەقەگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان ۋە ۋەقەنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ، ۋەقەگە قارىتا خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە يېتەكچى رول ئوينىغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق يىغىنىغا رابىيە خانىمنى شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەرقايسى شۆبە باشلىقلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. يىغىن داۋامىدا رابىيە خانىمغا ھەمراھ بولغان ۋە تەرجىمانلىق قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ قېتىمقى بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى يىغىندا يىغىننىڭ شەرەپ مېھمىنى، شۇنداقلا ئاساسلىق سۆز قىلغۇچىسى بولغان. يىغىندا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن تونۇشتۇرۇلغان رابىيە خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بىلەن يېڭىدىن تونۇشۇۋاتقان يىغىندىكى كاپىتالىتسلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. يىغىندا رابىيە خانىم سۈرىيەدە ئاشكارا جەڭ داۋام قىلىۋاتقان ۋە قان تۆكۈلۈۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق بىر جەڭنىڭ ئۇزۇندىن بېرى، يوشۇرۇن ھالدا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ يەردە تۆكۈلۈۋاتقان قانلارنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خانىم سۆزىدە، سۈرىيەدە ئانىلار ئۇرۇشتا ئۆلگەن پەرزەنتلىرىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ 5 -ئىيۇلدا غايىب بولۇپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىچە ئۇچۇرىنىمۇ ئالالمىغانلىقىنى، غايىب بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاش ۋە ئىز-دېرىكىنى ئېلىشنىڭمۇ جىنايەت سانىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. رابىيە خانىم سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، زۇلۇمغا ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش قاتارلىق دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ خىتايدا، بەلكىم دۇنيادا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رابىيە خانىمنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە كەچمىشى، شۇنداقلا نۇتقىدىن تەسىرلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىدىن ئەندىشىلەنگەن تەشكىلاتنىڭ ھەرقايسى شۆبە باشلىقلىرى رابىيە خانىمنى ئۆز تەۋەلىكلىرىدە دوكلات بېرىشكە دەۋەت قىلغان.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، رابىيە خانىمنىڭ ئاتلانتىدىكى ئۇچرىشىشى، ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى چوڭ پائالىيىتىدۇر؛ ئۇ ئالدىنقى قېتىملىقىدا ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىدىكى مۇھىم شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىرقىسىم باشلىقلىرى ۋە قوللىغۇچى كاپىتالىستلار بىلەن ئاتلانتادا ئۇچراشقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.