كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تەنقىد قىلىندى

0:00 / 0:00

بۈگۈن 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە كەڭ توختالدى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە 79 كۈن قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن پاسپورتى تارتىۋېلىنغانلىقتىن تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋام قىلىشقا چارىسىز قالغان مۇتەللىپ ئىمىنمۇ چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئوقۇش ھەققىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە دەۋەت قىلماقتا.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ئېغىر مەسىلە ساقلىنىۋاتقان دۆلەت قاتارىدا خىتاينى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، دىنىي ھوقۇق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە تاقىشىدىغان تەرەپلەردىكى مەسىلىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى باياناتلاردا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك، تۈرمىدىكى نوبېل ساھىبى، ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇلار بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىنىڭ دەل ليۇ شاۋبو تۈرمىگە تاشلانغىلى 5 يىل تولغان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى دەرھال ئازاد قىلىشقا، پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. تۈنۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىيمۇ مەخسۇس ليۇ شاۋبو ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە، ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شانى ئۆيىدە نەزەربەندكە ئېلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا ئېلىشىنى قېيىنلاشتۇرۇپ، قاتتىق ئىنكاس قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. شۇڭا بۇ نۆۋەت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تىلغا ئالغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، خىتايدىكى ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەسىلىسى بولدى. بۇ ھەقتە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ۋىزا بەرمەي، ئۇلارنى توسالغۇ پەيدا قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى چەتئەللىك مۇخبىرلار تىۋىتتىردىكى ھېسابىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر توغرىسىدا خەۋەر ئىشلەشنىڭ بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىزا بەرمەسلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق سېنى جازالايدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىدىغان «يېڭى جۇمھۇرىيەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر چەتئەللىك مۇخبىر خىتايدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك سۈركىلىش، تىبەت ۋە فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى مەسىلىسىدە خەۋەر يېزىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، گەرچە بۇ ھەقتە يېزىلغانلار ئىنتايىن ياخشى چىقسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسى ياكى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلىش، ياكى خىتاينىڭ ۋىزا باشقارمىسى تەرىپىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە سەۋەبسىز ساقلىتىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنى بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق قورقۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىنى خىتاي ھۆكۈمىتى خوش بولمايدىغان خەۋەرلەرنى يېزىشتىن چەكلەيدىغان قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

بۈگۈن يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە ئەركىنلىك سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ليۇ شاۋبو مەسىلىسى، شۇنداقلا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگرام ئىشلىگۈچىسى ۋاڭ چىڭلېينىڭ مەزكۇر ئىستانسا مۇخبىرلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلىشى، چىڭداۋدىكى 50 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان گاز تۇرۇبا يولىدىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئاخباراتقا تولۇق ئاشكارىلانماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار باياناتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇلار يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا بىر ئارىغا كېلىپ، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قىلىش، سىياسىي كۆز قارىشى توغرا بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى بەرمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باھانىسىدە ئۇلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا باياناتىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەتلىرىنى ئەينەن داۋام قىلغان شارائىتتا، بۇنداق ۋەقەلەر داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىلا ئەمەس، ھەر كۈنى دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

بۈگۈن يەنە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋام قىلىشقا ئامالسز قالغان مۇتەللىپ ئىمىنمۇ ئۆزگىچە بىر ئۇسۇل ئارقىلىق نامايىش قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسىگە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. مۇتەللىپ ئىمىن ئۆزىنىڭ بلوگىدا، ئۇيغۇر بىز تور بېتىدە «ئوقۇش ھەققىم قايتۇرۇپ بېرىلسۇن، ئۇيغۇر رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مېنىڭ پاسپورت ۋە كىملىكىمنى قايتۇرۇپ بەر» «مەن غايىب قىلىۋېتىشنىڭ قۇربانى» دېگەن لوزۇنكىلارنى تۇتۇپ تۇرغان رەسىمى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز ھالدا بىر مېھمانخانىدا 79 كۈن تۇتۇپ تۇرغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىلگىلى 2 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ھازىرغىچە ياكى ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى، ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋام قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «مەن كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايدىكى مەن قاتارلىق بارلىق غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن» دېدى.