ئامېرىكىدىكى «يەرلىك مىللەتلەر تەتقىقاتى مەركىزى» نىڭ تور بېتىدە يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ماقالە مەزكۇر مەركەزنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى، ھەم مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور رۇدولف رايسېر ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىدى. ئۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
«يەرلىك مىللەتلەر تەتقىقاتى مەركىزى» 1979 -يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىر مۇستەقىل تەتقىقات ۋە مائارىپ ئورگىنى. مەزكۇر ئورگان قۇرۇلغاندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەرقايسى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرى ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، تەتقىقات تېمىلىرىنى مۇكاپات پۇلى تەمىنلەش ھەم شۇنداقلا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ھەم سەھىيە ئىشلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.
يېقىندا، بۇ مەركەزنىڭ قۇرغۇچى رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان دوكتور رۇدولف رايسېر ئەپەندى مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز دوكتور رايسېر ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. رايسېر ئەپەندى بىزگە: «يەرلىك مىللەتلەر تەتقىقاتى مەركىزى» ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن تونۇشقىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى چاڭما قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسى 11 مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئۇيغۇرىستاندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توختىتىش ۋە ياكى بۇ جىنايەت ئۈستىدىن داۋا قىلىش ئۈچۈن ھېچنېمە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىنى «ئۇيغۇرىستان» دەپ ئاتىغان.
بىز ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق. دوكتور رۇدولف رايسېر ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇغا بەرگەن ئىزاھاتىغا قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948-يىلى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن ئاتالغۇنى قوبۇل قىلغان. ئەمما ئۇ بۇ ئاتالغۇنى قوبۇل قىلغاندا ئاساسلىق ناتسىستلارنىڭ 1937 -يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى6 مىليوندىن ئوشۇق يەھۇدىي قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا قىلغان ھۇجۇملىرى ۋە قەتلى قىلىشلىرىنى كۆزدە تۇتقان. شۇڭا ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى پەقەت زور كۆلەمدىكى زوراۋانلىق ۋە قەتلى قىلىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن بىر قانۇنىي ئاساس يارىتىلمىغان. شۇ ۋەجىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋام قىلماقتا ۋە بۇ بىزگە يۇقىرىدىكى بۇ قانۇننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەسلى مەنىسى بويىچە قايتا ئۆزگەرتىلىشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا».
مەلۇم بولۇشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەسلى پولشالىق ئادۋوكات ۋە قانۇنشۇناس رافائىل لىمكىن تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىزاھلىغاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ چۈشەندۈرگەن. بىرىنچىسى، مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى مەجبۇرلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق يۆتكىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان مائارىپنى، تىلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن چەتكە قېقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. رافائىل لىمكىننىڭ قارىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بولغان جىسمانىي زوراۋانلىق ياكى قەتلى قىلىش كۆپىنچە ھاللاردا مەدەنىيەتكە قىلىنغان ھۇجۇمغا ئەگىشىدىغان بولۇپ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولغان ئىكەن، تەبىئىي ھالدا قەتلى قىلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىزاھلىغاندا بۇ ئىككىسىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
رۇدولف رايسېر ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى دىنى رادىكاللىق ھەم تېررورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ جازالاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى دەل ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ نەتىجىلىرى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «مانا بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز ئىچىدىكى مىللەتلەرنى رۇسلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ھەم شۇنداقلا يەرلىك مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئاتوم سىنىقى قىلىش ئارقىلىق ئاللىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلىرى بىلەن شۇغۇللاندى جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى» دېدى.
ئۇنداقتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قانداق قىلىش كېرەك؟ رۇدولف ئەپەندى سۆزىدە بۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتقان زېمىنلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇلغاشمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھازىرقى شارائىتتا مۇھىت قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ دەرھال خەلقئارالىق قانۇنلارغا كىرگۈزۈلۈشى ۋە ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ تونۇلۇشى كېرەك. ھازىر مۇشۇ ئىككى ئۇقۇمنى مەۋجۇت بولغان خەلقئارا قانۇنغا قوشۇپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان شەخسلەر ۋە ئورگانلار مەۋجۇت. مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، ئۇيغۇرلار ئۆزى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت مەسىلىسىدە مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى تەشكىل قىلىپ، بۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشسا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى تەشكىل قىلالايدۇ. مەن تامامەن مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار 11 مىليون نوپۇسقا ئىگە، مىڭ يىللاردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىر خەلق. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز كۈچى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلالايدۇ دەپ قارايمەن.»