فىرانسۇز پائالىيەتچى: «2016-يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قۇچاق ئاچىدىغان بىر يىل بولىدۇ»

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان سابىق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دېنىس گېرىئېمار خىتايدىن قوغلانغان مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ فىرانسىيەدە كەڭ تونۇلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ 2016-يىلىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىجابىي بىر ۋەزىيەت ھازىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەركىن ئەپەندىمۇ فىرانسىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئۇرسۇلا خانىمنى قوللاش ئۈچۈن ئىمزا يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم 17-نويابىر، فىرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «لوبس» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىگە قارىتا گۇمانىي كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ماقالىسىدە، باي كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك «خەلقئارا جىھاد تەشكىلاتىغا باغلانغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» ئەمەس، بەلكى يەرلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم شۇنداقلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىنغان ۋە تېررورلۇقنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا 31-دېكابىردىن ئىلگىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇق قىلغان. مەزكۇر ۋەقە دۇنيا مىقياسىدا زور ئىنكاس قوزغىدى. ھەرقايسى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇرسۇلانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسى سەۋەبلىك چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

سابىق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئىقتىسادشۇناس، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دېنىس ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئالدى بىلەن مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇرسۇلا خانىم ئىلگىرى خىتايدا ئون يىل خىزمەت قىلغان، خىتاي تىلىنى پىششىق بىلىدۇ. جۇڭگونى ۋە خەن مىللىتىنى ياخشى چۈشىنىپلا قالماستىن بەلكى شىنجاڭ، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرىگىمۇ پىششىق. شۇڭا يېقىندىن بۇيانقى ئالتە يىل جەريانىدا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ماقاللارنى ئېلان قىلغان» دېدى.

دېنىس ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى بىلەن تەڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان ئومۇمىي قىزىقىش ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا 2016-يىلىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن خەيرلىك بىر يىل بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا بوغۇلۇۋاتقان ئاۋازى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتىدىن ئاڭلىتىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك تەرەپلەرنى بىز خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىزچىل ئاڭلىتىپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلمىدى. ئەمدىلىكتە بولسا دۇنيا بىز دەۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىدىن تولۇق چۈشىنىپ يەتتى. مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، 2016-يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن كەڭ قۇچاق ئاچىدىغان بىر يىل بولىدۇ دەپ قارايمەن»، دېدى.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، قىرغىن قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇچۇرسىز قىلىۋاتقان بىر پەيتتە مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم باي ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق بۇ يەردە يوشۇرۇن نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى
مۇتەخەسسىس دېنىس يەنە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارشى قارىماققا ئانچە كۈچلۈك بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ بىراق، قانداقتۇر بىر كۈچ يەنى ئاۋام خەلقنىڭ كۈچى ھۆكۈمەتنى ئارقا تەرەپتىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە فىرانسىيەنى بىر نەرسە دېگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنى قوللاش يۈزىسىدىن ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن ئابلىمىت بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەردى.

ئەركىن ئابلىمىت فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارقىتىۋاتقان خەۋەرلىرىدىكى بەزى مۇلاھىزىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

بۇ ھەقتە توختالغان دېنىس ئەپەندىم، ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى فىرانسىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىشنىڭ بۇ ناھايىتى ياخشى بىر ئىش بولغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يەنە مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى بىلەن تەڭ فىرانسىيە جەمئىيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى يالغۇز فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن. ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «سانكېن شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 28-دېكابىر سانىدىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.