1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىسىدە (3)

0:00 / 0:00

1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى.

تارىخشۇناسلار، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ زور ۋەقەنى شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن تاسقاپ چىقىش ۋە ئەسلى يۈزىنى يورۇتۇش كەلگۈسىدە يېزىلغۇسى ئۇيغۇر تارىخى ئۈچۈن مۇھىم تېما ھازىرلايدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن شۇنداقلا ئەسلىمە تەقدىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى مەزكۇر ۋەقەگە قاتناشقان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسىدۇر، خالاس.

شاھىتلاردىن نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئەينى چاغدىكى نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىلەن قانداق شارائىت ۋە نېمە تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شاھىتلاردىن خېلىل ئەپەندىمۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۆز ئەسلىمىدە دائىرىلەرنىڭ 1985-يىلى 12-دېكابىردىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، نەتىجىدە 20 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەلۇم بىر ياتاقتا يوشۇرۇن جەم بولۇپ 19-دېكابىردىكى قايتا نامايىشقا قارار ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شاھىتلاردىن مەمەت توختى ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى دېكابىرنىڭ زىمىستان سوغۇق كۈنىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە قانداق قىلىپ قاتمۇ-قات توسۇقلار ئىلكىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دەرۋازىسىدىن ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەمەت توختى يەنە «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىدىن مەرھۇم مىجىت قۇربان، نۇرنىسا ۋە شۇنداقلا ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان، بۈگۈن ھايات ياكى ئۆلۈپ كەتكەن مىڭلىغان ئوت يۈرەك ئىنسانلارغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈردى.

مەمەت توختى ئاخىرىدا «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ ئەينى چاغدا جەنۇبتا تارقالغان ب-تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋە ئۇنىڭ گىرىپتارلىرىغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەتتا بۇ پائالىيەتنى توسماقچى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خۋاڭ باۋجاڭنى ياتاق بىناسىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 19-دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى يېنىدىكى فەيرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 30 يىللىقنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان ھازىر ھايات ياكى ئالەمدىن كەتكەن بارلىق ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈردى.