«دۇنيادىكى ئەركىنلىك 2025» : ھەقلەر ھامىيلىقىدىكى جاپالىق كۈرەشلەر

0:00 / 0:00

باش شىتابى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان «ئەركىنلىك سارىيى» 26-فېۋرالدا ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى ئەركىنلىك 2025» تېمىسىدىكى دوكلات 2024-يىلى 1-يانۋاردىن 31-دېكابىرغىچە دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيە ساھەسىدە كۆرۈلگەن ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى خۇلاسىلەش بىلەن ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. مەزكۇر دوكلات خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان جايلاردىكى دېموكراتىيەگە بېغىشلانغان بولۇپ، خىتاي ھەققىدىكى دوكلات يىلدا ئايرىم بىر توپلام شەكلىدە ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيە ئۆتكەن 19 يىلدا ئۇدا ئەڭ زور دەرىجىدە چېكىنىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقرالار سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقراۋى ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشتا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ناچارلىشىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن. دوكلاتتا بۇ ئەھۋال ئىخچام قىلىپ، «بۇ خىل ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىللار سىياسىيونلارنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى زورلۇق پائالىيەتلىرى، داۋام قىلىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشلار، زۇلۇم ۋە ھاكىممۇتلەقلىكنىڭ يامراپ كېتىشى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

دېموكراتىيە ساھەسىدىكى چېكىنىشتە ياۋرو-ئاسىيا رايونى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، ئەزەربەيجان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان «ناچارنىڭ ناچىرى» دەپ باھالانغان. قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەمۇ «دېموكراتىيە ئەڭ ناچار» بولغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئېلىنغان. «ئەركىنلىك سارىيى» بۇ جايلارنى قىسقا قىلىپ، «ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتلەر» دەپ خۇلاسە قىلغان. تۈركىيە دېموكراتىيە مۇھىتى تىك سىزىق بويىچە ناچارلىشىپ ماڭغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئون دۆلەتنىڭ بىرى قاتارىغا تىزىلغان. بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقراۋى ئەركىنلىكنىڭ ناچارلىشىشى بۇنىڭدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە قاتارىدا ئەسكەرتىلگەن.

بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، تەيۋەن يۇقىرى نومۇر بىلەن (94 نومۇر) ياپونىيەدىن قالسىلا ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندىكى «ئەركىن دۆلەت» لەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. دوكلاتتا بۇ توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ، «تەيۋەندىكى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تاشقان دېموكراتىيە سىستېمىسى 2000-يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ شەكىلدە تاپشۇرۇلۇشىغا، شۇنىڭدەك پۇقراۋى ئەركىنلىكنىڭ قوغدىلىشىغا شارائىت ھازىرلىدى» دېيىلگەن.

دېموكراتىيە ساھەسىدىكى مۇكەممەللىك جەھەتتە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (ئا ق ش) ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەن، دەپ قارالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئەركىن، باراۋەر ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا تامام بولغان. شۇنداق بولسىمۇ سايلامغا چۈشكۈچىلەردىن دونالد ترامپ ئىككى قېتىم سۇيىقەستكە ئۇچراپ، ئۆلۈم خەۋپىدىن ئامان قالغان. دېموكراتىيەنىڭ جارى بولۇشىدا تولۇق 100 نومۇر ئالغان بىردىنبىر دۆلەت فىنلاندىيە بولۇپ، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 99 نومۇر ئالغان.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئۆزىدە، يەنى 26-فېۋرال كۈنى «ئەركىنلىك سارىيى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئاننى بويائىن (Annie Boyajian) بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئالدى بىلەن بۇ يىلقى دوكلاتنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن بۇنىڭدا ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ تەسىرى بولماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ بۇ يوسۇندا ناچارلىشىپ مېڭىشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ھەممىلا تەشكىلات، جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ خىلدىكى دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى دەست ئورنىدىن تۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى قۇربان بەرمىگەندە بۇ خىلدىكى كۈرەشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورچىسى نوسموت گاداموسى (Nosmot Gbadamosi)مۇ شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيا دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلىشتا ئەڭ ئاكتىپ رول ئېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى ئافرىقا قىتئەسىدە ئەڭ روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «قەرز دىپلوماتىيەسى» ئافرىقا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى رەقەملىك نازارەت، سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش، سىياسىي ھەقلەرنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا داغدام يول ئاچقان. خىتاينىڭ قەرز بەرگەن غايەت زور مەبلىغى نىگېرىيە، گانا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نازارەت مېخانىزمىغا سەرپ قىلىنىپ، تور بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيگەن؛ يەرلىك ئاخباراتلار بولسا بۇنى «تەرەققىيات» دەپ تەشۋىق قىلىشقا ئۆتكەن.

بۇ يىلقى دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى يانا گوروخوۋسكايا (Yana Gorokhovskaia) خانىم ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بىر نۇقتا شۇكى، دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىشنى دائىملىق پائالىيەت قىلىۋېلىشى بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر تۈرلۈك چېگرا ھالقىغان زۇلۇم بولۇپ، دېموكراتىيەگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقلارنى پاش قىلغۇچى مۇخبىرلارغا تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىش ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرگە ئورتاق بولۇپ كەلگەن. بۇ جەھەتتە خىتاي، رۇسىيە قاتارلىقلار ئىزچىل تۈردە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتىكەن.

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خىتاي ھەققىدىكى 2025-يىللىق دوكلاتى ئايرىم نەشىر قىلىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرقى خۇلاسە قىسمى جىددىي تەييارلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.